باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئىلىم يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.14 16:03   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئىلىم يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى 14-دېكابىر خەۋىرى (ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، تۇرسۇنئاي تۇراق) 2015-يىلى  12-ئاينىڭ 12-كۈنى پايتەخت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى، بېيجىڭدا ھەر قايسى ئىدارە-ئورگان، كارخانا-شىركەتلەردە تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان 130 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش مەركىزىي بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بېيجىڭ خۇەيروۋ رايونىغا جايلاشقان جىشەن ئارامگاھىغا جەم بولۇپ، 2-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئۇيغۇر ياشلار مۇنبىرىگە قاتناشتى.

  يېڭى يىپەك يولى ئېلىمىز جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن قايتا ئېچىلىۋاتقان رىيال شارائىتتا قانداق قىلىپ پۇرسەتنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە زامانىۋىي مەدەنىيەتكە قانداق يۈزلىنىش، رىقابەت كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇتەخەسىسلەر، ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى كۈچلۈك لېكسىيە سۆزلەپ، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى كارخانا تەرەققىيات بۆلۈمى تەشكىللىدى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيتى ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرگەندىن باشقا، مەركىزىي بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

سۆرەتتە: جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھېيىت مۇھەممەت باشلىنىش سۆزى قىلماقتا

  مۇنبەرگە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مىللەت، دىن ئىشلىرى كومتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلسۆيەر بۇرھان شەھىدى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋلى، مەركىزىي بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فىڭخۇي، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھېيىت مۇھەممەت، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ شۆبىن،  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىبۇللا غوجا، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى ياردەمچىسى ۋېدات مىجىت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇكېرىم ياقۇپ قاتارلىق مېھمانلار قەدەم تەشىرىپ قىلغادىن باشقا،چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئېنىستىتوتىنىڭ دوتسېنتى خەن شيۇيۈن، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دولقۇن قادىر، مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ تەرەققىيات مەركىزى خىزمەتچىسى، دوكتۇرانت ئابلەت توختى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلىكىم مۇھەممەت ۋە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ غوللۇق تەرجىمانى، تونۇلغان شائىر ئابدۇللا موللا قاردۇ، بېيجىڭ چېنفەن پىسخىك مەسلىھەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئادالەت ھىمىت قاتارلىقلار مۇتەخەسىس، ئۇستازلار لېكسىيە سۆزلىدى.

  بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئۇيغۇر ياشلار مۇنبىرى پايتەخت بېيجىڭدا  غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تاراتقۇلار ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە چەتئەللەردە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. بۇ يىلقى يىغىلىش ئەنە شۇ مۇنبەرنىڭ داۋامى بولۇپ، مۇنبەردە «تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىرادىگىيەسىگە يۈزلىنىپ، بىلىم ئىگىلەش» نى ئاساسىي تېما، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سىتىرادىگىيەسى ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، مىللەتلەر ئارا تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭدەك ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم رولىنى تونۇپ يېتىش ئاساس قىلىندى.

  لېكسىيە « ‹بىربەلباغ، بىر يول› ئىستىرادېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى»،«ئۇيغۇر مەدەنىيتى»،«ئائىلە تەربىيەسى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەك بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. «‹بىربەلباغ، بىر يول›ئىستىرادېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» بۆلىكىدە چىڭخۇا ئونۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى خەن شيۇيۈن  «قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ستراتېگىيەسىدىكى رايون ئەۋزەللىكىنى ۋە كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سىتىرادىگىيىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا بۇ ئىستىرادىگىيەگە تېخىمۇ ماسلىشىپ، تەرەققىيات مېۋىسىدىن بىرلىكتە بەھرلەنگىلى بولىدۇ» دېگەن نۇقتىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئىقتىسادى پەنلىرى دوكتۇرى دولقۇن قادىر «بىر بەلباغ، بىر يول» ستراتېگىيسىنىڭ زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، بۇنى توغرا چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ستراتېگىيسىنىڭ ئەھمىيتى توغرىسىدا كۇرسانتلارغا ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى؛ ئابلەت توختى "يىپەك يولى روھىي ۋە بۈگۈنكى شىنجاڭ" تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئەجدادلارنىڭ "يىپەك يولى روھى" نى قېزىپ ۋە بۈگۈنكى ئەمەلىيتىمىزگە تەدبىقلاپ، ئەجدادلارنىڭ "يىپەك يولى روھى" غا ۋارسلىق قىلىش ۋە ئۇنى توغرا جارى قىلدۇرۇش، ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئاكتىپ ئىگىلەپ، مىللەتنى زامانىۋى جەمئىيەتكە يېتەكلەشنى تەشەببۇس قىلدى. كىچىكىدىن خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان بۇ ياشنىڭ ئانا تىلىدا ناھايىتى راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بەرگەن لېكسىيەسى ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  لېكسىيە بەرگۈچىلەردىن سىرت، ئاڭلىغۇچىلارنىڭمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن، يىغىن ئىشتراكچىلىرىغا بىردىن جەدۋەل تارقىتىلىپ، "بىر بەلباغ، بىر يول" توغرىسىدىكى ئېسىل  قاراش ۋە تەكلىپلەر مۇكاپاتلاندى.

بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋلى سۆز قىلماقتا

  لېكسىيە ئارىلىقىدا، ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيتى تەتقىقات جەمئىيتى كارخانا تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ ۋەكىلى مۇتەللىپ مۇھەممەت، كارخانا تەرەققىيات بۆلۈمنىڭ قۇرۇلۇشى، مەۋقەسى، ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭدىن بېيجڭغا داۋالانغىلى كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ تۇرار جاي مەسىلىسى، تىل قېيىنچىلىقى جەھەتلەردە ياردەمدە بولۇش، شىنجاڭدىكى داۋالىنىش، ئوقۇش جەھەتتە قىينچىلىقى بارلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا تەشەببۇس قىلدى. ئۆتكەن يىلى، كارخانا تەرەققىيات بۆلۈمى خوتەننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە توپلاش قاتارلىق خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يۇرتتىكى قېرىنداشلارغا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللىق قەلبىنى يەتكۈزگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردىمۇ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئوقۇشتا قىيىنچىلىقى بار 20 نەپەر ئۆسمۈرگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى .

لېكسىيەدىن بىر كۆرۈنۈش

  «ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» قىسمىدا، ئابلىكىم مۇھەممەت «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ روھىي "ئۈزەك"ىنى ئىزدەش ___ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلباغ نوقتىسىدىن ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى تەتقىقاتى » تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىرادېگىيەسىنى ئەمەلىيەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت تەتقىقاتىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنى مىسال قىلىپ، كۇرسانتلارنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ روھىي ئۈزىكىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتتى؛ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ غوللۇق تەرجىمانى، تونۇلغان شائىر ئابدۇللا موللا قاردۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئېڭى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرىنى مىسال ئېلىپ، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىمخۇمار خەلق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ياشلارنى ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارسلىق قىلىشقا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لېكسىيە ئاخىرىدا مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى، بېيجىڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسى قاتارلىق تاراتقۇلاردا پىسىخىك مەسلىھەت بەرگەن، ھازىرغىچە 5000 دىن ئارتۇق كۇرسانتقا لېكسىيە سۆزلىگەن، يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلغان «پەرزەنتنامە» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئادالەت ھىمىت ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تەسىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئادالەت مۇئەللىمنىڭ قارىشىچە، ئائىلە مۇھىتى، ئاتا–ئانا مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئامىللار بالىنىڭ ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەن. بىر ئائىلىدە، ئاتا بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە، ئانا بولسا بەخت تۇيغۇسى، ئەخلاق- پەزىلىتى قاتارلىق ھېسسىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئائىلىدە ئاتا- ئانا ئورنىنىڭ تەڭ بولۇش- بولماسلىقى بالىنىڭ ئەقلىي ۋە ھېسسىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ياكى  تۆۋەن بولۇشىنى بەلگىلەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا –ئانا مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ئائىلىۋى مۇھىت يارىتىش بالا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدىكى بۇ لېكسىيە يىغىنغا قاتناشقان كۆپچىلىك ياشلارنىڭ زور قىزىقىشىنى  قوزغاپ، يىغىن كەيپىياتى ناھايىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئادالەت ھىمىت ياشلارنىڭ بەس –بەستە سورىغان سۇئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

مۇنبەرگە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مىللەت، دىن ئىشلىرى كومتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلسۆيەر بۇرھان شەھىدى بىلەن مەركىزىي بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فىڭخۇي كۆرۈشمەكتە

  ھەرقېتىملىق لېكسىيە ئاخرىدا ئۇستازلار ئۆزلىرى سۆزلىگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، كۇرسانتلاردىن سۇئال سورىدى. كۇرسانتلار سۇئاللارغا قىزغىن جاۋاب بەردى. لېكسىيە ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە، چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئاشقاندا ئاياغلاشتى. مۇنبەر ئىشتراكچىلىرى بۇ قېتىمقى مۇنبەردىن كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىسلام دارىلفونىنىڭ ئەرەپ تىلى ئوقۇتقۇچىسى، بېيجىڭ ھېسام چاقچاق ماركا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ھېسام چاقچاق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مەھمۇت ھاجى ھېسام مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈنكى مۇنبەردىن ناھايىتى كۆپ نەپ ئالدىم، بېيجىڭدىكى ياشلار «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، قانداق قىلغاندا پۇرسەتنى بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغان تېخىمۇ كۆپ ئىلىم ئىگەللەپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى نۇرلاندۇرۇپ، زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈزلەنگىلى بولىدۇ، دېگەن نۇقتىلار بويىچە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق، دەپ ئويلايمەن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشىنى چىن دىلىمىدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  شاد –خۇراملىققا تولغان بۇ قېتىمقى مۇنبەر چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدە، قايناق كەيپىيات ئىچىدە غەلبىلىك ئاياغلاشتى. (ئوسمانجان يۈسۈپ، ئالىم راخمان، ئابدۇسالام يۈسۈپ، مۇتەللىپ ئەكبەر فوتوسى)

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ
      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…