گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى 2013-يىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە، گۇاڭشىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 1812 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ لىنىيەلەردە قاتنايدىغان ئېلېكتىروۋۇزلار ۋىلايەت دەرىجىلىك 14 شەھەرنىڭ 11 گە قاتناپ، دەسلەپكى قەدەمدە ھەر تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى تورى شەكىللەندى.