خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ9- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە كۆرە، كىشىلەر ماشىنا سېتىۋالغاندا، ئۆزى سېتىۋالغان ماشىنىنىڭ چىداملىق بولۇشىنى، ھادىسە يۈز بەرگەندە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئاز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن يېقىندا مەلۇم بىر داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى بىر خىل قېلىن كارتون قەغەزدىن ياسالغان«ماشىنا»نى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ماشىنىنى راستىنلا ھەيدىگىلى بولىدىكەن.
لىكساس (Lexus) ئاپتوموبىل شىركىتى لوندوندىكى « LaserCut Works» ۋە « Scales and Models » شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ”IS“ تىپلىق ماشىنىنى ياساپ چىققان، نۆلدىن باشلاپ لايىھەلەپ، مودېلىنى قۇراشتۇرۇش جەريانىدا جەمئىي 1700تاختىدىن ئارتۇق قېلىن كارتون قەغەز سەرپ بولغان. ماشىنا گەۋدىسى، ئورۇندۇقى، ماشىنىنىڭ ئالدى چىرىغىدىن تارتىپ ماشىنا چاقىغىچە پۈتۈنلەي قېلىن كارتون قەغەزدە ياسالغان،ياسىلىشقا ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى