خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا خيۇستۇننىڭ جەنۇبىدىكى تېكساس ناھىيەسىدە 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ 9-نۆۋەتلىك كاۋا بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە قۇيۇلغان كاۋىلار ئامېرىكا يېڭى مېكىسكا ئىشتاتىدىن كەلتۈرۈلگەن. كاۋا بايرىمىدا كۆگەزمىگە قۇيۇلغان كاۋىلارنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىگە ئاساسەن تارقىتىلغانسېتىلىدىغان بولۇپ، ئەڭ كىچىك كاۋا ئىككى ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدىكەن، ئەڭ چوڭ كاۋا (تەخمىنەن 18 كىلوگرام بولۇپ) 40 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ھەر يىلى 31-ئۆكتەبىر غەربىتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى مىلاد بايرىمىدا، كاۋىلار بۇ بايرامدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى