باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالجىرىيە لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قوللىدى

2015.10.12 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى لېئوننىڭ لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئالجىرىيە لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ تەشەببۇس ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، نۆۋەتتىكى كىرزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىدىغان لايىھەنى بالدۇرراق تېپىپ چىقىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر نۆۋەتتىكى بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى قۇتقۇزۇشى كېرەك.

  ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: لىۋىيەدىكى ھازىرقى قالايمىقانچىلىق ئەھۋالى لىۋىيەنى تېررورىزمىنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، بۇ لىۋىيە ھەمدە ئۇنىڭ قوشنىلىرىغا غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر