بەگدۆلەت كۈن بويى تاغ باغرىدىكى نەم تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان ياپ-يىشىل چىمەنلەرگە زوق بىلەن قاراپ يۈرىكىنى يەلپۇپ تۇرغان سۇيگۇنىڭ پايانىدا تۇيغۇسىغا ئەگىشىپ لەيلەپ يۇرەتتى. سۇيگۇنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان شۇ كۇنلەردىن باشلاپ قەلبىگە ئورۇنلاشقان زەينەپنىڭ ۋىسالى ئۇنى ھەر ۋاقىت قىيناپ تۇراتتى.
-مۇشۇ تاغدا ، زىمىندىكى كۈن بىلەن تۈن ئارىلىقىدا كاككۇك ۋە زەينەپ دەپ ئاشىق مەشۇقلار ئۆتكەن ئىكەن، كاككۇك تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۈتۈپ كەتكەن، يامغۇر تامچىلاۋاتقان كۈندىن بىرى ئۇ قايتىپ كەلمەپتۇمىشلەر ...زەينەپ ھەر كۇنى سەھەردە بىر سايىنىڭ ئوزى تەرەپكە ئۇچۇپ كىلىۋاتقانلىغىنى كورىدىكەن...لىكىن پورەكلەۋاتقان ئارزۇ-ئارمانلىرىدىكى بەخىتنىڭ تولغىغىدا شۇنچە ئۇزۇندىن بىرى دەھشەتلىك ھىجران باغرىدا «كاككۇك»نىڭ ئىسمىنى چاقىرسىمۇ ،غەمكىن ۋىچىرلاشلىرىنى شاماللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكۇزسىمۇ ئازاپلىرى ئۇچىۋاتقان بوشلۇقتىن تىخىغىچە سادا كەلمەپتۇ .زەينەپ كۈندە «كاككۇك» ئىسمىنى چاقىرىپ ياشايدىكەن. كاككۇكنىڭ ھامان بىر كۇنى ئوزىگە قايتىپ كېلىدىغانلىغىنى ئارزۇ قىلىپ ياشايدىكەن .....
زەينەپ تىخى بۇ ھېكايىلاردىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ گويا تاغ باغرىدىكى مامكاپ گۈلىرىدەك شۇ قەدەر يۇمران ھەم شۇ قەدەر ساپ ئىدى. مەنزىللەردىكى خۇشبوي ئوت چوپلەرنىڭ ئۇستىدىكى شەمنەم تامچىلىرىدەك چەكسىز گۇزەللىك ئىچىدە ياشاۋاتقان يوللارغا ئاتا قىلغان سىرلارنىڭ نىمىلەرنى ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىغىنى، نىمىلەرنى ئىما قىلىۋاتقانلىغىنى زەينەپ تىخى چۈشىنىدىغان ياشتا ئەمەس ئىدى. ئەمما بەگدۆلەت ھەمىشە سۆيگۈلەرگە چاۋاك چىلىۋاتقان ئاشىقلار قاتارىدا ئوزىنىمۇ كاككۇكقا سىلىشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى .
مۇشۇ تاغ، دەل مۇشۇ كوسراپ تاغلىرى بەگدۆلەت بىلەن زەينەپنى ئايرىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ تاغنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە ئورتاق بولغان ئاپتاپ ،باھار، قۇياش، كۈندۈز، قۇشلار، كېچىلەر.. ئۇلارنىڭ سۆيگۈدىكى مېھرىنى باغلاپ تۇراتتى. ھەر كۈنى سەھەردە سېھىرلەنگەن سېغىنىشنىڭ دوقمۇشلىرىدا تەمتىرەپ تۇرغان بەگدۆلەت سېغىنىشقا لىق تولغان يۈرەكنى ئالقىنىغا ئىلىپ ،باغرىنى كەڭرى ۋە ئىللىق قىلىپ زەينەپكە ئىچىۋەتكەندىن بىرى ئۇ قالدۇرغان سۇيگۇنىڭ بايانلىرى ھاياتىنى چىچەكلىتىپ بىرىۋاتقاندەك ،ۋۇجۇدىدا ھاۋارەڭ دولقۇن كوتۇرلۇپ ۋىساللارنىڭ نىشانسىز دەقىقىلىرى بەگدۆلەتنى بەختكە چىللاۋاتقاندەك سىزىمدا ياشايتى.
سىرتتا سىم –سىم يامغۇر يىغىۋاتاتتى. بەگدۆلەت ئىختىيارسىز ھالدا زەينەپ بىلەن خىيالىدا مۇڭدىشىشقا باشلىدى.
-يۈرۈگۈمگە كەلگەنلىگىڭنى قارشى ئالىمەن جىنىم، باھارغا لىق تولدۇرغان يۈرەكلىرىڭنى ئىلىپ كېچىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى كەپەمگە كەلگەن قۇتلۇق قەدەملىرىڭگە رەھمەت ئىيتىمەن. بىزنى ئايرىپ تۇرغان كوسراپ تاغلىرىنىڭ يانتۇلۇقلىرىدىن ۋىسال ئۇچۇن جىنىڭنى دوغا تىككەنلىگىڭگە قول قۇيىمەن. مەشۇق دىگەن شۇنداق بولىدۇ ......
ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ تاغ باغرىدىكى يانتۇلۇقلاردا ئۇنۇپ چىققان توت قۇلاقلارغا باققىنىچە قىيا تاشتا يانمۇ –يان ئولتۇرۇپ يەنە مۇڭدىشىشقا باشلىدى.....
-بىزدىكى سۆيگۇ رىسىقى مۇشۇ يەردىن باشلانغان، –دېدى زەينەپ ھاياجان بىلەن -ھاياتىمغا ئاتا قىلغان سۇيگۇڭ بىلەن قەلبىمدىكى ئىللىق سىزىمنىڭ يالتىراشلىرىنى تىل بىلەن بايان قىلالمايمەن ، جىنىم .....
ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يىيىلدى.
بەگدۆلەت يىنىدىكى ياۋا گۈللەرنىڭ شىپىلدىغان ئاۋازدىن دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتكىنى كۆردى. ئۇ خىيالدىن بىشىنى كۆتۈرۈپ بولغىچە بىر نەرسە ئۇنىڭ گەجگىسىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلدى.ئۇ جان ئاچچىقىدا كەينىگە بۇرۇلۇپ توختىنىڭ قورقۇنۇچتىن چەكچەيگەن كۆزلىرىنى كۆردى.ئۇنىڭ قولىدىكى سوغۇق يالتىراپ تۇرغان پىچاقتىن سىرغىغان قان ئەتىرگۈل بەرگىسىدەك يەرگە چىچىلدى. بەگدۆلەتنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن چوڭ ئىچىلغانىدى.
-نېمە قىلىۋاتىسەن؟-دەپ سورىدى بەگدۆلەت ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ
-سېنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن!- توختىنىڭ پىچاق تۇتقان قولى بەزگەكتەك تىترەپ تۇراتتى-زەينەپنى مەندىن تارتىۋالىمەن دەپ خام خىيال قىلما! مەن بۇ تاغنى قانغا بويىۋىتىمەن، سىنىڭ قىنىڭ بىلەن بويايمەن......
بەگدۆلەت توختىنىڭ قولىدىكى پىچاقنى كۈچىمەيلا تارتىۋىلىپ يىراققا كۈچەپ ئاتتى. گەجگىسى قاتتىق ئاغرىپ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى.
-نوچى بولساڭ يۈزدە-يۈز دىيىشەيلى -دىدى بەگدۆلەت غادۇر-غۇدۇر ئاۋازدا - ئەمما سەن نامەرتلىك قىلىپ كەينىمدىن پىچاق سالدىڭ. ساڭا ئىيتىپ قوياي، سەندەك نامەرت زەينەپنىڭ خىلى ئەمەس. ئىشەنمىسەڭ ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورا!...ھازىرلا بىرىپ سورا! ئۇ ساڭا ئوخشاش بىراۋنىڭ كەينىدىن پىچاق سالغان قورقۇنچاق نامەرتكە قاراپمۇ قويمايدۇ....
توختى بىردىنلا ھۆڭرەك ئىتىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسى خۇددى ئويۇنچۇقىنى تارتقۇزۇپ قويغان كىچىك بالىنىڭ قەغىشلىق قىلغاندىكى يىغىسىغا ئوخشايتتى.
-مېنىڭ ھىچنىمەم يوق، ئاتا-ئاناممۇ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىممۇ يوق –دىدى توختى ھىقىقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ –سەن ئەمدى زەينەپنى مەندىن تارتىۋالىمەن دەۋاتىسەن.يۇۋاشنى بوزەك قىلىمەن دەۋاتقان سەن نامەرت ئەمەسما ؟ زەينەپ ماڭا مەنسۇپ بولمىسا ساڭىمۇ مەنسۇپ بولمايدۇ. مەن سىنى بۈگۈن بولمىسا ھامان بىر كۈنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن.....
سىمىلداپ يامغۇر يىغىشقا باشلىدى. يەردىكى ئوت-چۆپ بەرگىلىرىگە تېخىچە قان تامچىلىماقتا ئىدى. توختى يىغىدىن توختاپ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدى. ئۇنىڭ ئىڭىكىدىكى نەچچە تال ساقىلى دىردىيىپ تۇراتتى. ئۇچىسىدىكى چاپىنى ئۇنىڭ ۋىجىك بەستىدىن خىلىلا چوڭ بولۇپ ئۇنىڭ پۇتۇن تۇرقى كۆكتاتلىققا سانجىپ قويغان قارانچۇققا ئوخشايتتى.
ئەتراپ بىردىنلا تىمتاسلىققا چۆمدى. يامغۇرنىڭ تاراسلىغان ئاۋازىمۇ ئۆچكەن بولۇپ بەگدۆلەت ئوت-چۆپ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئۇنىڭ يۈزى نەمخۇش پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ گويا ئۇخلاۋاتقاندەك شۇنچىلىك خاتىرجەم ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا قويلار يۇلتۇزدەك يىيىلىپ ئوتلاۋاتاتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ،بىر توپ رەڭدار كىپىنەكلەر گويا قاناتلىق پەرىشتىلەردەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى.ئاندىن سۈزۈك بىر نۇر ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كەلدى.بەگدۆلەت كۆزىنى ئاچمىسىمۇ بۇ نۇرنى ھىس قىلىپ تۇراتتى.بۇ نۇر قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۇك ھەم نۇرانە ئىدىكى ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق يارقىن ،جۇلالىق ھەم سۈزۈك نۇرنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئەشۇ نۇر ئىچىدە زەينەپ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ كىلەتتى.....
تامام !
2014-10-9 يەكەن تاغاچى