باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

زەينەپ بىلەن بەگدۆلەتنىڭ ھېكايىسى(3)

2015.07.31 15:29   مەنبە: خەلق تورى


-ھەئە-دېدى قىز، ئاندىن نىمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ -دىگەن مەنىدە قاراپ تۇردى.
-مەن ماللىرىمنى كۆرگىلى كەلگەن –دىدى بەگدۆلەت -مەن سەبدۆلەت چوڭنىڭ كەنجى ئوغلى...
-بىزنىڭ بۇ يەردە سەبدۆلەت چوڭنىڭ ماللىرى يوق –دېدى قىز ھەممىنى بىلىدىغاندەك ۋەزمىن ئاۋازدا – ئۇ كىشىنىڭ ماللىرىنى تاغنىڭ ئۇ قىتىدا باقىدۇ....
بەگدۆلەت قىزنىڭ ياۋا گۈلدەك تۇرقىدىن كۆزىنى ئۈزەلمىدى.يامغۇر تامچىسى قىزنىڭ يۇمران يۇزلىرىگە تاراسلاپ چۈشىۋاتقاندا ئۇ ئىختىيارسىز ئۆزىنى ئەشۇ يامغۇر تامچىسى بولسامچۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدى.قىزنىڭ چاچلىرى قوڭۇر رەڭدە ئىدى. كۆزلىرى كۆل سۈيىدەك تىنىق، لەۋلىرى گىلاس پاتۇرۇپ قويغاندەك قىپ-قىزىل ھەم تولغان ئىدى.ھىچبىر ئادەم زاتىدىن ھىيىقىدىغاندەك ياكى قورقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
-سىنىڭ ئاناڭ پەرىزاتمۇ ؟-دەپ سورىدى بەگدۆلەت قىزنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىۋىتىپ
-مەن ئۇقمايمان، ئىشقىلىپ مەن ئەقلىمگە كەلسەم ئانام يوق ئىكەن-دىدى قىز بىخىرامان سۆزلەپ - دادامدىن سورىسام، ئاناڭ جەننەتتە سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دىگەنىدى.... ئۇ ھەر ۋاقىت مىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
-مېنىمۇ كۆرەمدۇ؟-دەپ سورىدى بەگدۆلەت قىزىقسىنىپ .
زەينەپ توختاپ قالدى، ئاندىن ئىتتىكلا جاۋاپ بەردى:
-ياق، ئۇ دادام بىلەن ئىككىمىزنىلا كۆرىدۇ.
بەگدۆلەت ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلدى. زەينەپ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇنىڭغا ئاچچىق بىلەن قارىدى.
-سېنىڭ ئاناڭ داداڭدىن ھەم سەندىن بۆلەك ھەممە ئادەمنى كۆرەمدا؟-دەپ سورىدى قىز ئويلىمىغان يەردىن غەلىتە سۇئال سوراپ.
-ئەلۋەتتە كۆرىدۇ-دىدى بەگدۆلەت كۈلۈپ-ئانام دادام ھەم مەندىن بۆلەك ئاكىلىرىمنى ھەم باشقا ئۇرۇق –تۇققانلىرىمىزنى كۆرىدۇ.
قىز ئۈنچىقمىدى.
يامغۇر تىخىمۇ ئەدەپ چۈشۈشكە باشلىدى،تاغ ئۈستىدە چاراسلاپ چاقماق چىقىلىپ زەينەپنىڭ گۈلدەك بەستىنى تىخىمۇ ئىنىق يورۇتتى. يىراقتىن دادىسىنىڭ زەينەپنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاندى.
-دادا،مەن مايەردە!-دەپ جاۋاپ بەردى زەينەپ زىل ئاۋازدا .
ئابدۇللا مالچى بەگدۆلەتكە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى.
-سەبدۆلەت چوڭنىڭ ئوغلىمەن دەيدۇ دادا –دېدى قىز دادىسىنى خاتىرجەم قىلىپ –ماللىرىنى كۆرگىلى كەپتىكەن، يامغۇرغا چىلىشىپ چىلىق-چۆپ بولۇپ كىتىپتۇ. شۇڭا ئۆيىمىزگە كىرىپ ئىسسىنىۋالسۇن دەپ باشلاپ كەلدىم.
ئابدۇللا ئۈنچىقمىدى. ئۇلار ئۆيگە كىرىشتى. ئۆي ئىچى ئىللىق ھەم پاكىزە ئىدى. ئۆينىڭ بىر چىتىدىكى كىچىكىنە مەشتىن كۆيىۋاتقان تىزەكنىڭ ئىسسىق پۇرىقى كىلەتتى. ئىسلىشىپ كەتكەن چەينەكتىن جوغىسدىن چاينىڭ ھورى كۆتۈرۈلۈپ ئۆي ئىچىدە لەيلەپ يۈرەتتى.
زەينەپ ھالرەڭ كۆڭلەك ئىچىدە بۇ كىچىككىنە قاراڭغۇ ئۆي ئىچىدە نۇردەك يېيىلىپ تۇراتتى. ئۇ قاچانلاردىندۇر قۇرۇق كىيىمىنى كىيىپ ئۈلگۈرگەندى. ئۇ ئاۋۋال دادىسىغا ئاندىن بەگدۆلەتكە قىززىق چاي تەڭلىدى.
بەگدۆلەت بىر چىنە چاينى ئالدىرىماي پۈۋلەپ ئىچىپ بولغۇچە ئارىلىقتا يامغۇر ئاۋازى توختىدى.بەگدۆلەت ئىشىك يوچۇقىدىن قاراپ سىرتنىڭ كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
-مەن ماڭاي-دىدى بەگدۆلەت ئابدۇللا مالچىنىڭ گەپ-سۆز قىلماي ئولتۇرىشىدىن بىئەپ ھىس قىلىپ –ئاتامنىڭ ماللىرىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆرۈپ كىتەي.
-ئاتاڭ تىخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كىلىپ كۆرۈپ كەتكەنىدى-دىدى ئابدۇللا ئەركەك ھەرىنىڭ ئاۋازىدەك بوغۇق ئاۋازدا، ئاندىن ئۇنىڭغا تاغ يولىنى كۆرسىتىپ قوشۇپ قويدى – مۇشۇ يەردىن يامىشىپ تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتسەڭلا ئاتاڭنىڭ ماللىرىنى كۆرەلەيسەن....
بەگدۆلەت تاغقا يامىشىشقا باشلىدى. تاغ چوققىسىغىچە غۇچچىدە قارىغاي ھەم ياۋا گۈللەر بىلەن تولغان بىر يول سوزۇلغان ئىدى. تاغ يولىدا كېتىۋىتىپ ئۇنىڭ قەلبىدە كەينىگە قايتىپ زەينەپنى يەنە بىر قىتىم كۆرۈۋىلىش ئىشتىياقى يېنىشقا باشلىدى. نەچچە رەت كەينىگە يىنىپ بولۇپ ئابدۇللا مالچىنىڭ قاپىقىنى ئاچماي تۇرۇشلىرى ئىسىگە كىلىپ يەنە نىيىتىدىن يىنىشقا مەجبۇر بولدى .ئۇ زەينەپنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا زەينەپنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھىس قىلىۋاتاتتى. زەينەپ گويا نۇردىن ئاپىرىدە بولغاندەك شۇ قەدەر نۇرانە ھەم گۈزەل ئىدى. ئۇنىڭ چىرايى تاغ شامىلىدا تىخىمۇ سۈزۈلگەن ھەم ياۋا گۈللەرنىڭ ھىدى بىلەن تىخىمۇ جۇلالانغان ئىدى.گويا ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ تاغ شۇنچىلىك نۇرانە ھەم گۈزەل ئىدىكى زەينەپسىز ھېچنىمىنى ھەم بۇ تاغنىڭ گۈزەللىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
يىقىنلا يەردىن كاككۇكنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بەگدۆلەت كاككۇك بىلەن زەينەپ داستانىنى ئىسىگە ئالدى. بۇ داستاننى تاغدا بىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى، ئەمما بەگدۆلەت ئۇنى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئارىيەت ئالغان كىتاپتىن ئوقۇغان ئىدى. داستاندا زەينەپ كاككۇكقا ئوخشاش قۇش سىياقىدا تەسۋىرلىنەتتى. بەگدۆلەت باياتىن كۆرگەن زەينەپمۇ ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدا تۇرغان گۈزەل بىر قۇشقا ئوخشايتتى ئۇزۇن ئۆتمەي بىرى ئۇنى بارمىقىغا قوندۇرۇپ باشقىلار ئالدىدا كۆز-كۆز قىلىپ، خوشى تۇتسا سۆيۈپ ئەركىلىتىپ، خوشى كەتسە يۇمران قاناتلىرىنى بۇقۇچلاپ، قاناتلىرىنى قىرقىپ، پەيلىرىنى يۇلۇپ نىمجان قىلىپ تاشلايتتى. بۇنداق گەپلەرنى بەگدۆلەت ساياق ئاغىينىلىرىدىن كۆپ ئاڭلايتتى...
بەگدۆلەتنىڭ نەزىرىدە زەينەپ ھىچكىمنىڭ قولى يەتمەيدىغان تاغ چوققىسىدىكى بىر تال لالە گۈل ئىدى.

* *
- مەن مالچى ئابدۇللانىڭ قىزىغا ئۆيلىنىمەن-دىدى بەگدۆلەت.
-زەينەپنى دەمسەن؟-دەپ سورىدى دادىسى ئۇنىڭ شۇنداق دىيىشىنى ئالدىن پەملىگەندەك
بەگدۆلەت شۇ دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتتى.
-ئۇنى توختىغا چاي ئىچكۈزۈپ قويۇپتۇ. خەقنىڭ رىزقىغا چاڭ سالما!-دىدى دادىسى.
-قايسى توختىغا؟–دەپ سورىدى بەگدۆلەت تىرىڭڭىدە چۆچۈپ .
-بىزنىڭ ماللارنى باقىدىغان توختىچۇ...ھېلىقى يىتىم بالا ...
بەگدۆلەت ئۈنچىقمىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا توختىنىڭ ئورىدەك ئىچكىرى كۆزلىرى بىلەن قوشۇلۇپ سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرى كۆرۈنگەندەك بولدى.
-ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم دىيىشىمەن-دەپ ئورنىدىن تۇردى بەگدۆلەت.
-ساراڭلىق قىلما!-دەپ يولنى توستى دادىسى – مەن ئابدۇللاغا ماقۇل بولدۇم. مەن توختىغا ئاتا بولۇپ توينى كىلەر ئايدا قىلىدىغانغا پۈتۈشتۇق.
-توختى زەينەپنىڭ خىلى ئەمەس دادىسى –دىدى بەگدۆلەتنىڭ بىر ياندا گەپ تىڭشاپ ئولتۇرغان ئانىسى سۆز قىستۇرۇپ – بىرى ئاسماندىكى ئاي يەنە بىرى مالچى دەلدۇش....
-ئاغزىڭنى ئۈششۈتمە –دەپ ئاچچىقلاندى دادىسى –توختى يېتىم بولغىنى بىلەن ئاللاھنىڭ بىر يۇۋاش بەندىسى. ئابدۇللا ئۇنى كۈيوغۇللۇققا تاللاپتۇ. ئۇنىڭغا سەن بىز بىرنىمە دىيەلمەيمىز...
بەگدۆلەت قولىدا ئويناپ ئولتۇرغان پىيالىنى زەرپ بىلەن دەرىزە تاكچىسىغا قويدى.
* * *
توختى تاغ باغرىدا مال بىقىۋاتاتتى. ئۇ ياۋا گۈللەرنىڭ ئوتتۇرسىدا زەينەپنى خىيال قىغىنىچە سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۇنىڭ خىيالىدا زەينەپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇردەك يىيىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن تارىغان خۇشبۇي ھىد ئۇنى مەست قىلاتتى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇ زەينەپ بىلەن توي قىلىشنى ئويلاش تۈگۈل مۇنداقلا خىيال قىلىشتىنمۇ ئەيمىنەتتى.تا ھازىرغىچە بۇ قىزغا يىقىندىن تىكىلىپ قاراپمۇ باقمىغانىدى. ئۈلۈشكۈن ئويلىمىغان يەردىن ئابدۇللا مالچى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى. -ئۆيلەنگۈڭ بارمۇ ؟-دەپ سورىدى.-ئەلۋەتتە ئۆيلەنگۈم بار.-دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ. – ئەمىسە قىزىم زەينەپكە ئۆيلىنەمسەن ؟-دەپ سورىدى ئابدۇللا . توختى جاۋاپ بىرەلمەي دەماللىقتا مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى.-قىزىمنى ياراتمامسەن؟-دەپ سورىدى ئابدۇللا يەنە .
-ئۇنداق ئەمەس-دىدى ئۇ ھاياجاندىن جالاقلاپ تىترەپ تۇرۇپ.
-توڭلىدىڭمۇ؟-دەپ سورىدى ئابدۇللا ئاتىلارچە كۆيۈنۈش تەلەپپۇزىدا – تاغنىڭ ھاۋاسى كەچتە مۇشۇنداق سوغۇق بولىدۇ قىلىنراق كىيىنىۋال. كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە بارغىن، زەينەپ ساڭا نارىن ئىتىپ بەرسۇن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى