يۈنچېڭ شەھەرلىك تۇز ئىشلىرى تارماقلىرى يېقىندا تۇز مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز سېتىش دېلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قانۇنسىز سېتىلغان تۇز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 266.75توننا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە« ئۈچ يوق » مەھسۇلاتتىن دانچە تۇز 222.65توننا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۇز 18توننا، خىش تۇز 16.1توننا كېلىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۇز ۋە خىش تۇزنىڭ ھەممىسى يودلاشتۇرىلمىغان تۇز ئىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى