باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

زەينەپ بىلەن بەگدۆلەتنىڭ ھېكايىسى(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.07.31 15:29   مەنبە: خەلق تورى

  ئۇلارنىڭ ھېكايىسى يىقىندىلا كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغ باغرىدا باشلىنىپ تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگىچە داۋاملىشىدۇ .

  ئۇلارنىڭ ھېكايىسى كوسراپ تىغىنىڭ سۈزۈك شامىلىغا ئەگىشىپ يۇرتنىڭ ھەممە يىرىدە ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ.

  -تاغدا بىر قىز بار، ئۇ قىز تاغ ئۈستىدە بۇلۇت بىلەن ياندىشىپ يۈرۈيدۇ....

  -ئۇ پەرىزاتمۇ ئادىمىزاتمۇ؟

  -ئاڭلىسام ئانىسى پەرىزات، دادىسى مالچىمىش...

  -دادىسى يايلاقتا يالغۇز مال باققاچ پەرىزات بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇشۇپ شۇ قىزنى تاپقان دىيىشىدۇ. قىزنىڭ پەرىزات ئانىسى قىزىنى تۇغۇپ بولۇپلا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتىكەنمىش....

  - ئۇ قىزنىڭ چاچلىرىمۇ بۇلۇتتەك توزغۇپ ھەسەن-ھۈسەندەك جۇلالىنىپ تۇرىدىكەن....

  -مەن يېنىغا بىرىشنى خىيال قىپ بولغۇچە، ئۇ نۇردەك لىپلا قىلىپ غايىپ بولۇپ كەتتى. بۇ دۇنيادا ھىچبىر ئايال زاتى گۈزەللىكتە ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۈدەك...

  -مەنمۇ ئۇنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغانىدىم ..ئۇ قىز ھەقىقەتەن بەك گۈزەلمىش، نۇردەك پارلاپ تۇرارمىش.....

  -ئۇنىڭ لەۋلىرى پورەكلەپ ئىچىلغان ئەتىرگۈلگە ئوخشارمىش...

  -كۆزلىرى يىنىپ تۇرغان يۇلتۇزدەك چىرايلىقمىش....

  بەگدۆلەت ئالدىنقى ھەپتە تەڭتۈش ئاداشلىرى بىلەن تاغ باغرىدا نەغمە-ناۋا قىلىشىپ ئولتۇرۇپ ئانچە ئىرەن قىلماي ئاڭلىغان سۆزلەر ئەتىسىدىن باشلاپ خۇددى سىھىرگەردەك ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالىنى ئىگەللىۋالدى. تاغدىكى ياۋا گۈلدەك بىر قىز ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەرىشتىدەك ئۇچۇپ يۇرەتتى.

  ئۇ شەھەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تېخى يىڭىلا ئوقۇپ تۈگەتكەنىدى. ئەمما ئۇنىڭ يېزىدىكى تەڭتۇشلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆيلىنىپ گۈسمەستەك ئەرلەرگە ئايلانغان بولۇپ، ئەتە- ئاخشاملىرى بىر توپ ساياق ياشلار بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆزلىرى ياسىغان مۇسەللەستىن ئىچىشىپ ياكى كەندىر يوپۇرمىقىنى ئۇۋاپ تاماكا قەغىزىگە يۆگەپ كەيپ قىلىشقىنىچە ئاسماننىڭ، زىمىننىڭ،تاغلارنىڭ، باغلارنىڭ، مال-ۋارانلارنىڭ،

  ياۋاگۈللەرنىڭ، گۈزەل قىز-چوكانلىرنىڭ پاراڭلىرىنى سېلىشىپ مەززە قىلىشاتتى. ئەلۋەتتە پاراڭنىڭ ئاساسلىقى سەتەڭ قىز-چوكانلار ئۈستىدە بولاتتى. بولۇپمۇ شەھەرگە بەكراق قاترايدىغان ھىلىم ھاۋاز ئۆزى شەھەرنىڭ قايسىبىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىكى ئىشرەتخانىلاردا ئۇچراتقان سەتەڭلەر ھەققىدە بەك قاملاشتۇرۇپ ھەم ئاشۇرۇپ سۆزلەپ تەڭتۇشلىرىنىڭ كۆزلىرىنى ھەم يۈرۈكىنى ئالىچەكمەن قىلاتتى. ھېلىم ئون سەككىز ياشقا توشمايلا ئۆيلەنگەن، ئۆيلىنىپ ئۇچ يىل بولا-بولماي ئۈچ بالىغا دادا بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى يىگىتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ قالتىسى سانايتتى. پاراڭ ئارىلىقىدا تېخىچە ئۆيلەنمەي ئوقۇيمەن دەپ يۈرگەن بەگدۆلەتنى گەپتە چىقىۋىلىپ مازاك قىلاتتى.

  -بەگدۆلەت كىتاپ ئوقۇيدۇ، بىز سەتەڭلەرنى ئوقۇيمىز. ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرمەي ئۆتىدۇ-دە بۇ...-دەيتتى ئۇ بەگدۆلەتنىڭ ئۆزلىرى تەڭلىگەن كەندىر يوپۇرمىقىنى قېقىلىپ تۇرۇپ تەستە شوراشلىرىنى ياراتماي.

  بەگدۆلەت ئۈنچىقمىدى.ئۇ بۈگۈن بۇ سورۇنغا ئۇلارنىڭ ئىچىشۋاز-چىكىشۋازلىقىنى خۇماداپ ئەمەس ئۆتكەن ھەپتە بولۇنغان پاراڭلارنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاش تاماسىدا كەلگەن ئىدى. ئۇ شۇنچە تاما تۇتۇپمۇ ھېچكىم ئۆتكەن ھەپتە تىلغا ئالغان ھېلىقى تاغ گۈزىلى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدى.گويا ئۇلار ئۇ قىزنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەندەك ھېلىم ھىزىم تۈنۈگۈن ئۇچراتقان بىر غۇنچە بويلۇق سەتەڭ توغرىسىدا قىلىپ بەرگەن پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ كەيپلىكتە چالا ھىجىيىشىپ ئولتۇراتتى.

  بەگدۆلەت سورۇندىن غىپپىدە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى.

  بەگدۆلەت تاڭ سەھەردىلا ئېتىنى ئىگەرلەپ جابدۇپ شەنبە بازارنىڭ يايمىلىرى ئالدىدىن دۇكۇرلەپ ئۆتتى. يايمىچىلار تىخى يايمىلىرنى تولۇق يىيىپ ئۈلگۈرمىگەن، بازار تىخى تولۇق قىزىمىغىنىغا قارىماي بەگدۆلەتنىڭ بۇركۈتنىڭكىدەك كۆزلىرى ئەتراپنى تولۇق تىنجىتىپ چىقتى. ئۇ چوڭ يولغا چىققاندا تاغ شامىلى ئاتنىڭ قويۇق ،چىرايلىق يايلىنى يەلپۇتتى. چوڭ يول بويىدىكى تىرەكلەر بەستلىك ھەم قارام تاغ ئەركەكلىرىدەك تىككىدە چوقچىيىپ تۇراتتى. يولدا ئىشەكلىك ، ئاتلىق ،پىيادە بازارغا كىتىۋاتقانلار ئۆتىشىپ تۇراتتى. كۈن يىراق ئۇپۇقتىن ئۇياتچان قىزدەك ئاستاغىنە مارىلاپ چىقىشقا باشلىغاندا بەگدۆلەت ئاتنىڭ تىزگىنىنى ئىختىيارىغا قويۇپ بىرىپ تاغ ئىچىگە بارىدىغان يولغا چۈشتى. بۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقى غۇچچىدە بوستانلىق ئىدى. يوللار نەمخۇش ھەم يۇمشاق بولغاچ ئات بۇ يولنى خۇددى يۇمران ئوت-چۆپنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرەتتى. ئاتنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سامان ئارىلاش كۈنجۈرە پۇرىقى بىلەن يول بويىدىكى يالپۇز پۇرىقى ئارىلىشىپ بەگدۆلەتنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلاتتى. تاغ باغرىدىكى كىچىك ئېرىقتا بىر ئورام سۇ ئۇسسۇلچى قىزنىڭ بىلىدەك تولغىنىپ ئاقاتتى. بەگدۆلەت كېتىۋىتىپ كۆز ئالدىدا چوقچىيىپ تۇرغان تاغلارغا كۆز تاشلىدى-يۇ كۆزلىرى ئىختىيارسىز ھالدا بىر جۈپ ئالمىدەك كۆتۈرۈلۇپ تۇرغان بىر-بىرىگە يىقىن ئىككى دانە نازۇك چوققا ئۈستىدە توختاپ قالدى. بۇ بىر جۈپ چوققا راستىنلا ئايال زاتىنىڭ بىر جۈپ ئەمچىكىگە ئوخشايتتى. دەل ئەشۇ ئەمچەك ئۈستىدە بىر قوچقار بىخىرامان ئوتلاپ يۈرەتتى.

  بەگدۆلەت ئىلگىرى ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ ئەمچەك ئۈستىدە ئاداشلىرى بىلەن مال باققاچ ئوينىغانلىرىنى ئېسىگە ئالدى. بۇ جاي تاغنىڭ ئەڭ بىخەتەر ھەم ئىللىق جايى بولۇپ كۈن نۇرى تاغ ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپلا ئەڭ ئاۋال ئۇدۇللاپ ئەشۇ ئەمچەك ئۈستىگە چۈشەتتى. بۇ تاغنىڭ نېرىسىدا يەنە بىر ئىگىز تاغ جەينىكى بىلەن بىشىنى تىرەپ ياتقىنىچە يىنىدىكى ئايالىغا مىھىر بىلەن تىكىلىپ تۇرغان مۇھەبەتلىك ئەرگە ئوخشايتتى.

  بەگدۆلەت تاغ ئارىسىغا ئىچكىرلەپ كىردى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ تاغ ئۈستىدە يۇلتۇزلاردەك يىيىلىپ ئوتلاۋاتقان قوي،ئۆچكىلەرگە قارىدى. تاغنىڭ باغرىدا بىر ئادەمنىڭ چەبدەس قەدەم بىلەن تاغ چوققىسىغا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلغا ئالدى.ئىنىقكى تاغنىڭ نېرىقى قېتىدىمۇ قويلار بۇلۇتتەك ئوتلاپ يۈرەتتى. تاغ ئارىسىدىكى يولنىڭ يىنىدا بىر سۈزۈك ئىقىن ھەر ۋاقىت بەگدۆلەتكە ھەمراھ بولۇپ ئىقىپ تۇراتتى.سۇ ئۇنىڭغا قارشى يۆلىنىشتە باغرىدىكى تاشلارنى سۆيۈپ، ئۇسۇلچى قىزلاردەك تولغىنىپ ،ياپ-يىشىل ئوت چۆپلەر بىلەن ئىرمىشىپ –چىرمىشىپ ئاقاتتى. تاغ شامىلى ئىگىز تاغلاردىنمۇ ھالقىپ كۆك ئاسمان بىلەن گىرەلىشىپ كىتەتتى. بىر جۈپ بۆدۈنە سۇ بويىدا دىكىلداپ سەكرىشىپ، قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى. تاش بىلەن قوپۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا ئۇششاق بالىلار ئويناپ يۈرەتتى، چىلىكىنى كۆتۈرۈپ سۇغا چىققان ياشقىنە چوكان كىلىۋاتقان ئاتلىق يىگىتكە قىزىقسىنىپ قارىدى ئاندىن بەگدۆلەتنى تونۇپ يىنىككىنە سالام بىرىپ يول بوشاتتى.

  بەگدۆلەتنىڭ ھېچنىمە ئۆز ئىختىيارىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ پەقەت تاغ ئارىسىغا تىخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىشنى، تاغنىڭ ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان چوققىلىرىنى كۆرۈپ بىقىشنى خىيال قىلاتتى. ئۇنىڭ خىيالىدا ئۇ تېخى بىرىپ باقمىغان تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە كىتىۋاتقىنىدا بىر ساھىپجامال ئۇنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىزلا چىقىپ قالاتتى. ئاندىن ئۈركىگەن توشقاندەك دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچاتتى. بەگدۆلەت پەقەت شۇ مەنزىرىنى كۆرسىلا ،ئۆزى خىيالى ئاشىق بولغان شۇ قىزنى بىر كۆرسىلا كۆڭلى تىناتتى. ئاندىن ئىتىنىڭ ئۈزەڭگىسىنى كەينىگە قايرىپ قايتىپ كېلەتتى. ئەتىسى يەنە باراتتى، قىزنى يەنە ئىزدەيتتى. يەنە بىر ئاماللار بىلەن قىزنى بىرلا كۆرۈۋىلىپ يەنە قايتاتتى .......

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى