خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 25 ياشلىق كولۇمبىيەلىك قىزچاق زۇلى زاڭگىنو تۇغما پۇت-قول كېسىلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتال بولغانلىقتىن، پۇت-قولى تۇغما پۈتۈن ئەمەس. بەدىنىدىكى نۇقسان سەۋەبلىك ئىلگىرى بوزەك قىلىنغان، جىنسىي خورلانغان، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا تاس قالغان. بىراق ئۇ يەنىلا قەيسەر ئىرادىسى بىلەن كەمتۈك ھاياتىغا يۈزلەنگەن. ھازىر ئۇ بىر ئىلھاملاندۇرغۇچى ناتىق، ئۆزىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق سانسىزلىغان كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى