خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، فوتوگراف مايا توپكاجىك ئىككى يىل بۇرۇن «سەپكۈللۈك قىزلارنى ئىزدەپ، باشقىچە گۈزەللىكنى نامايان قىلىش» ناملىق شەخسىي فوتوگرافىيە پىلانىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇ بىر قاتار ئەسەرلەرنى تارتتى.
25 ياشلىق مايا مۇنداق دەيدۇ، «ئىلھاملىرىم قىزىل چاچ ۋە سەپكۈل بىرلەشكەن ئۆزگىچىلىكتىن كەلگەن، كىشىلەر ئادەتتە سەپكۈلنى ناھايىتى سەت، قارشى ئېلىنمايدۇ، دەپ قارايدۇ، بىراق ھازىر فوتوگرافىيە ساھەسىدە سەپكۈل يۈزلەر بارغانسىرى قارشى ئېلىنماقتا».
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى