باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

زەينەپ بىلەن بەگدۆلەتنىڭ ھېكايىسى(2)

2015.07.31 15:29   مەنبە: خەلق تورى

  كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن بولۇپ ،گويا ئۇياتچان قىزدەك تاغ چوققىسىدىن مارىلاپ كۆرۈنەتتى.تاغ ئۈستىدىن سېيرىلىپ چۈشىۋاتقان سۇلارنىڭ يۇمران ئاۋازى قىزلارنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلگەندىكى نازاكەتلىك ئاۋازىغا ئوخشايتتى.

  تاغ ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرگەنسىرى ئايبۇلۇڭدىكى يىشىللىقنىڭ ئاسمانغا چۈشكەن سايىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئات تاشقا پۇتلىشىپ مۆدۈرەپ توختىدى، ئاندىن ئىگىسىگە قانداق قىلىمەن مىڭىۋىرىمەنمۇ يا يانامدۇق دىگەن مەنىدە قارىدى.

  -مېڭىۋىرىسەن بۇرادەر-دېدى بەگدۆلەت ئىتىنىڭ يايلىسىغا شاپىلاقلاپ قويۇپ –تاغ يولىدا مېڭىشىڭنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن. زىھنىڭنى يىغ! تاشلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەت! بىز بۈگۈن ئايبۇلۇڭنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىمىز، كەچ قالساق خالىغان بىر مالچىنىڭ ئۆيىدە تۈنەيمىز.....

  ئات ئالدىغا قاراپ نەچچە قەدەم ماڭا- ماڭماي يەنە بىر قىتىم مۈدىرىدى.-نىمە بولدۇڭ بۇرادەر؟-دەپ ئاچچىقلاندى بەگدۆلەت ئاتنى كىچىك

  بالىنى جىمىلىگەندەك جىملەپ-پۇتى بوغۇلغان تەخەيدەك نەچچە قەدەم ماڭمايلا مۆدۈرەپ يۈرۈيسىنا؟ ......

  ئات ئازار يىگەندەك پۇشقۇرتۇپ قويۇپ تېخىمۇ ئىھتىيات بىلەن قەدەم ئالدى. شۇنچە ئىھتىيات بىلەن ماڭدىكى ئۈستىدە ئولتۇرغان بەگدۆلەتنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئىختىيارسىز ھالدا قولىدىكى قامچا بىلەن ئاتنىڭ ساغرىسىغا بىرنى سالدى. ئات مۆدۈرەپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى.بەگدۆلەت ئاچچىقىدا ئاتتىن دىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ يولدا چوقچىيىپ ياتقان تاشلارغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، ئالدىنقى كۈنى ياققان يامغۇردىن كىيىن كەلگەن سەل تاغدىن تاشلارنى ئېقىتىپ يوللارنى تونۇغۇسىز قىلىۋەتكەنىدى. بەگدۆلەت بىر ئاشپىشىمچە ئاتنى يىتىلەپ مىڭىپ بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىشىك ئالدىدا يەتتە ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا ھەدەپ ئوچاققا ئوتۇن تاشلاپ ئوت قالاۋاتاتتى.

  -ھەي يىگىت ،ئۆيدە ئاتاڭ بارمۇ ؟-دەپ سورىدى بەگدۆلەت

  -ئاتام يوق-دىدى ئوغۇل بالا چۈشۈپ قالايلا دىگەن ئىشتىنىنى ئۈستىگە تارتىپ تۇرۇپ- تاققا ماللارغا قاراپ باققىلى كەتكەن.

  -ئېشىكىڭنى ماڭا بېرىپ تۇرامسەن؟ -دىدى بەگدۆلەت ھويلىدا باغلاغلىق تۇرغان بوز ئېشەكنى ئىما قىلىپ - ئېشىكىڭنىڭ ئورنىدا ئېتىم ساڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرسۇنمۇ؟

  -ئات تاغنىڭ ئىچكىرسىدە ھەرگىز ماڭالمايدۇ. بىزنىڭ بۇ ئېشەك يولنىڭ ھەممە يىرىدە تۈز يولدا ماڭغاندەك يورغىلاپ ماڭىدۇ-دىدى بالا ماختىنىپ سۆزلەپ، ئاندىن ئېشىكىنى يىتىلەپ چىقىپ چۈلۋۇرىنى بەگدۆلەتكە تۇتقۇزدى.

  -ئاتاڭ كەلسە ، ئېشىكىمىزنى بەگدۆلەت مىنىپ كەتتى دەپ قوي-دەپ تاپىلىدى بەگدۆلەت ئاندىن قوشۇپ قويدى -ئېشىكىڭنى ئەتە قايتۇرۇپ بىرىمەن. سەن ئېتىمغا ياخشىراق قاراپ قوي!....بەگدۆلەت ئېشەككە سەكرەپ مىڭىپ يىنىك قامچا ئۇردى.ئېشەك بەللىنى ئىگىپ تاشلار ئۈستىدىن ئەپچىللىك بىلەن يورغىلاپ مىڭىشقا باشلىدى .

  تاغ قۇچقىچى يىقىملىق سايراشقا باشلىدى. تاغ باغرىدىكى ياۋا گۈللەر لەرزان تەۋرىنىپ تۇراتتى،يىراقتىن ئايبۇلۇڭ تاغلىرىنىڭ كۆككە تاقاشقان قارىغايلىرى تاغ ئەركەكلىرىدەك تىككىدە چوقچىيىپ تۇراتتى.

  ئىيۇل ئايلىرىدىكى ئايبۇلۇڭ تويغا جابدۇنغان ئاياللاردەك گۈزەل ھەم شادىمان كۆرۈنەتتى.ئەتراپتىن تارالغان ياۋا گۈللەرنىڭ پۇرىقى يۇرەكلەنى يىنىك سۆيۈپ ئۆتەتتى.

  نىرىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان تاش ھەم لاي بىلەن قوپۇرۇلغان ئۆينىڭ مورىسىدىن چىققان تۈتۈن ھاۋادا تولغىنىپ تۇراتتى.ئۆيدىن قىزىل كۆڭلەكلىك بىر ئايال چىقىپ بەگدۆلەت قاراپ توۋلىدى

  -كىمسەن ؟ قاياقتىن كەلدىڭ؟

  -سەبدۆلەت چوڭنىڭ كەنجىسى بولىمەن-دىدى بەگدۆلەت ئاتىسىنىڭ ھەممىگە تونۇش ئىسمىنى ئاتاپ-تاغ ئىچىنى ئايلىنىپ كىلەي دەپ چىقىشىم...

  ئۆي ئىچىدىن يەنە بىر ئەر كىشى چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۆسكىلەڭ قاشلىرى كۆزلىرىنى توسۇۋالايلا دەپ قالغانىدى،كۈلگەندە جاۋغايلىرىدا چوڭقۇر قورۇق پەيدا بولاتتى.

  -ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچكىن !-دەپ تەكلىپ قىلدى ئۇ ئادەم ئاندىن بەگدۆلەتنىڭ قولىدىن ئىشەكنىڭ ئاغامچىسىنى ئىلىپ نىرىدىكى بىر قورام تاشقا باغلاپ قويدى.

  قازاندا لىققىدە گۆش قايناۋاتاتتى. گۆشنىڭ مايلىرى كۆپۈكلىنىپ قازاننىڭ چۆرىسىدىن سىرغىپ چوغ ئۈستىگە تۆكۈلۈپ پىژىلداپ كۆيەتتى.

  -ئاتاڭنىڭ ماللىرىنى كۆرگىلى چىقتىڭمۇ ؟-دەپ سورىدى مالچى.

  -ياق، ئۆزۈمچە ئايلىنىپ كىلەي دەپ چىقىشىم-دىدى بەگدۆلەت يۇمشاق پىشقان گۆشنى ھوزۇرلىنىپ يەۋىتىپ -تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىمەن، كەچتە مۇشۇ ئۆيۈڭدە قونۇپ قالسام مەيلىمۇ؟-ئەلۋەتتە مەيلى-دەپ كۈلدى مالچى-سەبدۆلەت چوڭنىڭ ئوغلى ئۆزۈمنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش. ئەمما يولدا ئىھتىيات قىل، ياۋا توڭگۇزغا ئۇچراپ قالما!

  -ھىچنىمە بولمايدۇ-دەپ خاتىرجەملىك بىلەن كۈلدى بەگدۆلەت-مەن ياۋا توڭگۇزغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىمەن.

  -نەچچىسى بىر بولۇپ يوپۇرۇلۇپ كەلسىمۇ تىك تۇرالامسەن؟-دەپ سورىدى مالچى مىيىقىدا كۈلۈپ-قولۇڭغا تاشنى ئىلىپ ياۋا توڭگۇزنىڭ كۆزىگە غەزەپ ئاچچىق بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ بار ئاۋازىڭ بىلەن ۋاقىرا ، قورقماي كۆزىگە تىك قاراپ تىخىمۇ ئۈنلۈك ۋاقىرا ،شۇنداق قىلساڭ ياۋا توڭگۇز سەندىن قورقىدۇ، ئاڭغىچە يىقىن ئەتراپتىكى مالچىلار ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ بىردەمدە يىنىڭغا ئۈنۈپ بولىدۇ.بەگدۆلەت –ماقۇل-دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتتى. دۇئا قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكىگە مىنىپ تاغ ئىچىگە قاراپ ماڭدى.

  -تاغنىڭ ئىچكىرسىدە مالچى ئابدۇللانىڭ ئۆيى بار !-دەپ توۋلىدى مالچى ئارقىسىدىن.

  بەگدۆلەت كەينىگە قايرىلىپ-ئاڭلىدىم –دىگەن مەنىدە قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويدى.ئىشەك باياتىنقىدىن شاشلىشىپ تىتىكلىشىپ، خېنىم يورغىسى بىلەن ئىلدام مىڭىشقا باشلىدى.

  تاغ ئىچىگە كىرگەنسىرى تاغ گۈللىرى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا يېپىشىشقا باشلىدى، ئىشەك مېڭىۋىتىپ ياۋا گۈللەردىن يالماپ يەپ ماڭاتتى. بۆدۈنىلەر ھەم ئىسىمىنى بىلگىلى بولمايدىغان قۇشلار گۈللەر ئارىسىدا پىتىراپ يۈگرەپ ئويناپ يۈرەتتى. كۈن تاغ كەينىگە ئۆتۈپ ئەتراپ غۇۋالىشىشقا باشلىدى. ئاسماندىكى ئاپپاق بۇلۇتلار كىمدۇر بىرى ئىتتىرىۋاتقاندەك نېرىغا سۈرۈلەتتى. ئاسماننىڭ بىر تەرىپى زەڭگەر كۆك رەڭگە، يەنە بىر تەرىپى قىنىق كۈلرەڭگە كىرگەنىدى.

  بىردەمدىلا يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى. بەگدۆلەت ئىشەكتىن چۈشۈپ پىيادە مىڭىشقا باشلىدى. ياۋا گۈللەر بىردەمدە يامغۇردا يۇيۇنۇپ قىزلارنىڭ يۇمران لىۋىدەك سۈزۈلۈپ تىخىمۇ يىشىل كۆرۈنەتتى. بەگدۆلەت ئىشەكنىڭ كاسىسىغا بىر شاپىلاق سىلىپ ئالدىغا ماڭغۇزىۋەتتى. ئۆزى بولسا ئالدىرىماي ناخشا توۋلاپ ماڭماقچى بولدى.

  تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يىنىدىلا ياۋا گۈللەر ئىچىدىن ئۇچۇپ چىققان رەڭدار كىپىنەككە ئوخشايدىغان بىر قىز لۆڭڭىدە پەيدا بولدى، بەگدۆلەت دەسلەپ قىزنىڭ جىن ياكى ئادىمىزات ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىغاندەك دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى ئاندىن تېزلا ئىسىگە كىلىپ قىزنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتىۋالدى.

  -كىمسەن؟ جىنمۇ يا ئادىمىزاتمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ.-ئابدۇللا مالچىنىڭ قىزىمەن-دىدى قىز ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇنىڭ قولىنى كۈچەپ سىلكىپ چۈشۈرۈۋەتتى.-زەينەپمۇ؟-دەپ سورىدى بەگدۆلەت يۈرۈگىنىڭ شىددەت بىلەن تىپىرلاپ سوقۇشلىرىنى يوشۇرالماي.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى