خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتۇسى:جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ياردەم قىلغان دالا كىيىملىرى «مېھرى ئىشكابى» شىنجاڭ پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ئونسۇ «قېرىنداشلار پىدائىيلىرى»نىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن 22-ئاپرېل ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئارال بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 140 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 140 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 140 يۈرۈش دالا كىيىمى يەتكۈزۈپ بەردى.
سۈرەتتە:پىدائىيلار قىينچىلىق بار ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم تارقاتماقتا ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى