پايتەخىت كولومبودىن ماشنا بىلەن جەنۇبقا قاراپ 160 كىلومىتىر ماڭسا سىرلانكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ماتالاغا بارغىلى بولىدۇ. چۈشتىن كىيىنكى 34 گىرادۇس يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا، سىرلانكىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆمۈر يول تۈرى قۇرۇلۇشى ھازىر قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھېندى ئوكيان ئارال دۆلىتى سىرلانكىدا، تۆمۈر يول ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 1928- يىلى ئەڭ ئاخىرقى تۆمۈر يول پۈتكەندىن كىيىن 90يىل ئىچىدە، سىرىلانكا يېڭىدىن تۆمۈر يول ياساپ باقمىغان. 2013-يىلى ئاۋغۇسىتتا، جۇڭگو مىخانىكا ئېمپورت- ئېكىسپورت چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىنىڭ باش بۇلۇشى بىلەن، جۇڭگو تۆمۈر يول 5- ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە سىرلانكىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلىشى رەسمى ئىش باشلىدى، بۇ ھەم جۇڭگو كارخانىسىنىڭ پۈتۈن كۆتىرە ئېلىش شەكلى بىلەن سىرلانكىدا قىلغان تۇنجى تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى