باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىل ئىچىدە ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالاش سۇغۇرتىسى تولۇق قاپلىنىدۇ

2015.03.19 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىلىدۇ، مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى نورمىغا يەتكۈزۈش چېكى بولۇش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش قاتلىمى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش ئارقا كۆرۈنىشىدە چوڭ كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا جايلاردا مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارىدىكى پەرق بىرقەدەر چوڭ، بېسىمى چوڭ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋالىنىش ھەققىنىڭ تېز ئېشىشى ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى، قانداق قىلىپ داۋالىنىش ھەققىنىڭ ئېشىشنى كونترول قىلىغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتماقتا.

  سىياسەت تۈزۈش قاتلىمىدىكى بىر ئەرباب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نىشاننى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا مۇنداق ئىككى قاتلام بار، بىرى جايلارنىڭ ھەممىسى سىياسەت چىقىرىش، ئىككىنچى، سىياسەتنى يولغا قويۇش ھەمدە تۆلەش تەمىناتىنى باشلاش، بىزنىڭچە يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە بىرىنچى قاتلىمى تاماملىنىپ، ئىككىنچى قاتلىمى ئورۇنلىنىشقا تىرىشىلىدۇ، چوڭ كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغان شەھەر بازار ئاھالىلىرىدىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان خادىملارنىڭ مەبلىغىمۇ بۇ ئىككى فونددىن كېلىدۇ، بۇ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە مەبلەغ توپلاشنى تاماملاش باسقۇچىغا باراۋەر، كېيىنكى قەدەمدىكى نىشان ــ سودا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تۆلەش تەمىناتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  شەھەر يېزا ئاھالىلىرى چوڭ كېسەللىك سۇغۇرتىسى ــ ئاساسى داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يۇقۇرى داۋالىنىش ھەققىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر خىل تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر