باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

2015.03.19 16:30   مەنبە: خەلق تورى

سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

  سۈرەتتە: سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قىزى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 18-مارت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ سۆھبەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.سەيپىدىن ئەزىزى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ساداقەتمەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىي، سىياسىي پائالىيەتچى. ئاتۇشتا تۇغۇلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 10،-11-نۆۋەتلىك مەركىزي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 1-،2-،3-،4-،5-،6-، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 8- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. سەيپىدىن ئەزىزى داڭلىق يازغۇچى ھەم شائىر. ئېلىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىب. سەيپىدىن ئەزىزى پۈتۈن ھاياتىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە ئىشتىياق باغلىغان. «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» نىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جەنگو سۆھبەت يىغىنىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ پارلاق نەتىجىلىرى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا پېشقەدەم پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شانلىق ئەنئەنىسىگە، ئىگىلمەس-سۇنماس قەتئىي جاسارىتىگە، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى تەكىتلىدى.

  كۆپچىلىك بەسس-بەستە سۆز قىلىپ، يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئىنقىلابقا، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»غا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشىغا قوشقان زور تۆھپىلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزمىي ئىجادىيىتىدىن نەسرىي ئىجادىيەتكە ئۆتۈش، بۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات مۇساپىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈشتى. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ناماياندىسى بولغان «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىقلاردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاساسەن نەزمىي ئەسەر ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى، سەيپىدىن ئەزىزى 1938- يىلى ئېلان قىلغان «يېتىم بالا توختى» ناملىق ھېكايە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايە بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىي پروزا ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى ئەسەر، ژانېرشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئەسەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قەدىمي مىللەت ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدىكى يېڭى قەدىمىدۇر. 1980-يىلى سەيپىدىن ئەزىزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىياتىر تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەر ــــ مۇزىكىلىق تارىخىي دراما«ئاماننىساخان»نى نەشىردىن چىقاردى.

  لى جيەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: سەيپىدىن ئەزىزى 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، پىداكارلىق بىلەن قەيسىرانە كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن ھاياتىنى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا تەقدىم قىلغان، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە يۈكسەك پەزىلىتى بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە شۇنداقلا ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ پىنسىيەگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى يولداشلار ۋە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تۇغقانلىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى سۆھبەت يىغىنغا قاتناشتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…
      ·ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە ئۇچۇرى قاتارلىقلار 3 يىل ساقلىندۇ