باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشىنىڭ سوت خىزمىتىگە كۆرسەتكەن يامان تەسىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك

2015.03.19 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 18-مارت «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يىللىق خىزمەت دوكلاتى (2014-يىللىق)»(ئاق تاشلىق كىتاب)نى ئېلان قىلدى. بۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010-يىلدىن باشلاپ يىلدا ئېلان قىلىدىغان 6-يۈرۈش ئەدلىيە جەھەتتىن سوت قىلىشنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى بولۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكىنى پائال قوبۇل قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  ئاق تاشلىق كىتاب «قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش»، «باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش» ۋە «ئىسلاھات، تەرەققىيات»تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىم 19 بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. ئاق تاشلىق كىتابنىڭ «باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش» دېگەن قىسمى «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى» دېگەن بابىدا، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش تەربىيەسى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: كادىرلار، ساقچىلارغا تەربىيە بېرىشتە جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئاياغ ئاستى قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىناقلىقىنى بۇزۇش، تەشكىل سىرتىدا سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق تونۇتۇپ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشىنىڭ سوت خىزمىتىگە كۆرسەتكەن يامان تەسىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك، كادىرلار، ساقچىلارنى چوڭ-كىچىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىنى روشەن قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى رەھبىرىي كادىرلارنى تەشكىللەپ خىزمىتىدىن ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ھەققىدە 42181 قېتىم مەلۇمات بەرگۈزۈپ، 3929 ئادەم/قېتىم خەت-چەك ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 2696 ئادەم/قېتىم نەسىھەت قىلىپ، كادىرلار، ساقچىلارغا ياردەملىشىپ چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئىستىل ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىدىيە-ئەخلاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر