باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكە جەريانى دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ جۇڭگوغا تەۋە بولۇشتەك پاكىتنى قىلچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ

2015.03.19 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 18-مارت مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكە جەريانى ۋە خەرىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئالاقىدار مەزمۇنلار دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ جۇڭگوغا تەۋە بولۇشتەك پاكىتىنى قىلچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: سىز تۈنۈگۈن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان 1969-يىلىدىكى دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ خەرىتىسىگە قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە ئىنكاس قايتۇرغان ئىدىڭىز، بۈگۈن تولۇقلايدىغان يەنە قانداق سۆزىڭىز بار؟

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: 1969-يىلدىكى خەرىتە ئىككى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: بىرىنچى، دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ بىر بۆلىكى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىككىنچى، ياپونىيەنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ۋە دىياۋيۈ ئارىلىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر