پۇتىننى ئوبامانىڭ كاسسىسىغا تازا سالدى دېسە ئىشىنەمسىز؟ يېقىندا رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ‹سۈزۈۋېتىلمىگەن ھەجۋىي رەسىملەر› ناملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى.
كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەر ئىچىدە، ‹پۇتىن ئوبامانىڭ كاسسىسىغا ئۇردى› ناملىق بىر پارچە ھەجۋىي رەسىم ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنى بەكرەك جەلپ قىلغان بولۇپ، بۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە ‹ توغرا بولغان جازالاش› دەپ يېزىلغانىدى. بۇ رەسىمدە ئوباما خۇددى ئۈچ ياشلىق كىچىك بالىلارغا ئوخشاش پۇتىننىڭ تىزى ئۈستىدە ياتقان بولۇپ، پۇتىن بولسا ناھايىتى ‹ قانائەتلەنگەن ھالدا› قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئوبامانىڭ كاسسىسىغا ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەنىدى.