ياپونىيە ‹‹ ئىقتىساد كەسپى خەۋىرى ›› نىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە ، ياپونىيە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئۈسكۈنىلىرى كەسپىدىكى ماگنات ‹‹LIXIL›› شىركىتى 22-دېكابىر 75 مىڭ تال خىرۇستالدىن ياسالغان تەرەت تۇڭىنى كۆرگەزمە قىلدى . بۇ تەرەت تۇڭى ياپونىيەنىڭ ئوساكادىكى مەلۇم بىر بىنادا 2015-يىلى 6-يانۋارغىچە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن . بۇ تەرەت تۇڭى سىرتقا سېتىلمايدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ پايدىلىنىش باھاسى 10 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 520 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) ئىكەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ تەرەت تۇڭى ئىلگىرى ( 2011-يىلى 12-ئايدا ) توكيودا بىر قېتىم ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ ، بۇ قېتىم تۇڭنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا 3000 دانە خىرۇستال كۆپەيتىلگەن . ‹‹LIXIL›› شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل يەنى 2014-يىلى ياپونىيەدە ئىلمان سۇ بىلەن چايقايدىغان تەرەت تۇڭىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىگە 50 يىل بولغان ئىكەن . بۇنداق چاغدا بۇ خىل تەرەت تۇڭىنى كۆرگەزمە قىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن .