ساينت لوۋىس ساقچى ئىدارىسى باشلىقى جون بىلىرمانىڭ 24-دېكابىر ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى نازارەت قىلىش كامېراسىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى دەلىلىشىچە ، بىر ئاق تەنلىك ساقچى 23-دېكابىر كەچتىكى پاش قىلىش تېلېفونىغا ئاساسەن بېركلېيدىكى مەلۇم ماي قاچىلاش پونكىتىغا بېرىپ ، شۇ جايدىكى ئىككى گۇمانلىق ئەرنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا ، ئارىدىن بىرى ( ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى ) ساقچىغا تاپانچا تەڭلىگەن ، بۇ ۋاقىتتا ساقچى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ، ۋەقەدە بىر جىنايەت گۇماندارىغا ئوق تېگىپ قازا قىلغان ، يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتكەن .