باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭىچە تۇراقلىق ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەش، يېڭى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك

2014.12.24 17:15   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

يېڭىچە تۇراقلىق ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەش، يېڭى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك

  مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 22 – دېكابىردىن 23 – دېكابىرغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىپ، 2014 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، 2015 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، باش نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى خۇلاسە سۆزى قىلىپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مۇرەككەپ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش››تىن ئىبارەت خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ۋە ئېشىش تېزلىكى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىدا ئېشىشى مەملىكەتنىڭكىدىن تېز بولۇش، پەسكويغا چۈشۈشى مەملىكەتنىڭكىدىن ئاستا بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالدۇق ھەم ئۇنى پۇختىلىدۇق. ئىقتىسادىي قۇرۇلما يەنىمۇ سەرخىللاشتى، ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا يەتتە يىل ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىدى؛ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 25 تۈردىكى 150 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ياخشى باشلاندى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى پۇختا ئىشلەندى؛ بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن بىر يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىسى، كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلدى؛ ئىككىنچىسى، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئىقتىسادىي خىزمەتلەر قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇلمىدى؛ ئۈچىنچىسى، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، قاراتمىلىقى بولغان، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇلدى؛ تۆتىنچىسى، چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، مەبلەغنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى جارى قىلدۇرۇلدى؛ بەشىنچىسى، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەردە ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ بىر يىلى ئاجايىپ جاپالىق يىل بولدى، بىزمۇ بوش كەلمىگەن بىر يىل بولدى. نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، ناھايىتى تەستە قولغان كەلگەن بۇنداق ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ياخشى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭىچە تۇراقلىق ھالىتى››نى چوڭقۇر ۋە سىستېمىلىق شەرھلىدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭىچە تۇراقلىق ھالەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىشنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى پۇرسەتنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىدا كېلەر يىلى دۇچ كېلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى رىقابەتنى توغرا ئىگىلىشىمىز شەرت.

  يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىش: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئوتتۇراھال سۈرئەتتە ئېشىشقا يۈزلىنىدۇ؛ ئىستېمالدا يەنە چوڭ ئىمكانىيەت بار، يېڭى ساھەلەردە يەنە كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بار، ‹‹چىقىش›› يوشۇرۇن كۈچى زور؛ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش روشەن ئالاھىدىلىككە ئايلىنىدۇ؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇسۇلى ۋە قۇرۇلمىسىدىكى كۆلەم – تېزلىك تىپىدىكى قوپال ئېشىش ھالىتى سۈپەت – ئۈنۈم تىپىدىكى كۆجۈملەشكەن ئېشىش ھالىتىگە قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ؛ بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى كۈچىيىۋاتىدۇ، ۋەھاكازالار. ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ بۇنداق يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇپ، توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەقققىياتنىڭ يېڭىچە تۇراقلىق ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇشىمىز كېرەك.

  يېڭى پۇرسەت: بىرىنچىسى، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت؛ ئىككىنچىسى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت؛ ئۈچىنچىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت.

  يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى رىقابەت: كېلەر يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشى ئاجىز بولۇش ھالىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش بېسىمى نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ، ئەمما ئىقتىسادتا يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىمكانىيەت بوشلۇقى يەنىلا مەۋجۇت؛ ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش بېسىمى ئېغىرلايدۇ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى چەكلەيدىغان ئامىللار داۋاملىق كۆپىيىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭىچە تۇراقلىق ھالەتنى، يېڭى پۇرسەتنى، يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، كېلەر يىلقى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك قەتئىي ئىرادىنى ۋە نورمال روھىي ھالەتنى ساقلاپ، كۈلپەت ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تىرىشىپ يېڭى سەۋىيەگە ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان تۇنجى يىل، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولىدىغان يىل، شۇڭا ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى تۆۋەندىكىدەك: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش؛ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 –، 7 –، 8 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەش؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭىچە تۇراقلىق ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىش؛ ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى بىلەن مەبلەغنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ ئىسلاھ قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش، مۇشۇ ئاساستا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمى ۋە يادرولۇق تەلىپى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش.

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىيەت، شۇڭا مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش، تېزلىتىش، ئەلالاشتۇرۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەردە ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ چىقىرىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم ئېلىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچى بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشىكنى سىرتقا يۇقىرى سەۋىيەدە چوڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش – قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىسى، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە مەبلەغنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈشىمىز؛ مەبلەغنىڭ تارتىش كۈچىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قېزىپ، ئۆي – زېمىن كەسپىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىسى، ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئامالنىڭ بارىچە نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىمىز، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ تەرتىپىنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈشىمىز، پولات – تۆمۈر، سېمونت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېڭىدىن ئېشىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشىمىز، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە يېنىك سانائەت كەسپىنى ‹‹كىچىك گىگانت››قا ئايلاندۇرۇشىمىز، ساياھەتچىلىك كەسپىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. بازار رىقابىتىنى قويۇۋېتىشكە، كەسىپلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا، پايدىلىق سىياسەتلەرگە ۋە تۈزۈم مۇھىتىغا كۆپرەك تايىنىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچىسى، شەھەر – بازار تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە قىممىتى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۆلچەملەشكەن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى بازاردىن، ئىككى خىل بايلىقتىن ئوبدان پايدىلىنىشىمىز؛ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز؛ يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  بەشىنچىسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا كۈچىشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئەلا، ئامما بىرىنچى دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئالتىنچى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، مۇھىم نۇقتىنى ئامما كۆرەلەيدىغان، سېزەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان كىچىك قۇرۇلۇش، كىچىك تۈرلەرگە قويۇشىمىز كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئالتىنچىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بايلىقلارنى ئېچىشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى قوغداپ پايدىلىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىشىمىز، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، نۇقتىلىق ئېقىنلار، ۋادىلار ۋە نۇقتىلىق ھالقىلاردىكى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشىمىز، تۆۋەن كاربونلۇق شەھەر، تۆۋەن كاربونلۇق سانائەت رايونى، تۆۋەن كاربونلۇق كارخانا قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش – ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى ئەڭ پاكىز رايونغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  يەتتىنچىسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بىلەن شىنجاڭغا 4 – قېتىم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈن نىشانى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا مايىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۆزىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە چېگرانى قوغداشتەك ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسىدا تەۋرەنمەسلىكىمىز، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش، تۈزۈملىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدارەقىلىش ئىقتىدارى بىلەن سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىشىمىز كېرەك. جايلار، تارماقلار جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇشتەك روھىي ھالەتتە يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى، پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى، نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش ۋە تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇھىم تاۋارلارنى زاپاسلاش، بازارغا سېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىل قىش بىلەن كېلەر يىلى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جامائەت سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ‹‹ئىككى بايرام›› مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر – بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىيارەت قىلىش، ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەركەز بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ بايرامنى پاك ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك – دۇرۇس مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. مەركەز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەر ئاساسىدا، پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشان، ۋەزىپىلەر بىلەن تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال كۈچ ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يەنىمۇ ئۆزگىرىش ياساش كېرەك. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكىلەرگە ئىتتىپاق – مۇقىم، گۈللەپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭنى نامايان قىلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بىلەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى سۆيۈش، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشتىكى زور، ئاكتىپ كۈچلەرنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى؛ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئىقتىساد خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلەر، ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى تارماق – كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ تارماق – كومىتېتلىرى، بۆلۈم، نازارەت، ئىدارىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى؛ ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا – كەسپىي ئورگانلىرى، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ھەرقايسى شى – ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ