باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

27-نۆۋەتلىك «ئىكساق لوڭقىسى» بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

2014.10.14 21:43   مەنبە: خەلق تورى

27-نۆۋەتلىك «ئىكساق لوڭقىسى» بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، (مۇخبىرىمىز ئالىم راخمان): مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان 27-نۆۋەتلىك «ئىكساق لوڭقىسى» بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 12-ئۆكتەبىر كەچتە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  ئالدىنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى، پۇتبول مەيدانى كىچىكلىگەنلىكتىن، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئاۋۋالقى 7 كىشىلىكتىن 5 كىشىلىككە ئۆزگەرتىلدى، مۇسابىقە قائىدىلىرى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇرۇلدى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ۋە ئەزالارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش تېخىمۇ قاتتىق بولدى. بېيجىڭدىكى خىزمەتچىلەر كوماندىسى، خەلق تورى ۋە بېيجىڭدىكى بىر قانچە ئورۇننىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق كوماندا ئەزالىرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلدى؛ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى مۇسابىقە مەيدانىدىن تولۇق خەۋەر بەردى. مۇسابىقە باشتىن ئاخىر بىخەتەر، ئىناق، خوشال كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتى.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى كوماندىسى، بېيجىڭ خىمىيە-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى، جۇڭگو يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى، بېيجىڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، مەركىزىي مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوماندىسى، جۇڭگو كانچىلىق-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ۋە بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى قاتارلىق 16 كوماندا قاتناشتى. 11-ئۆكتەبىردىكى جىددىي مۇسابىقە ئارقىلىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى كوماندىسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى، بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوماندىسى قاتارلىق 8 كوماندا 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك كوماندا جۇڭگو يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بۇ قېتىم 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىدى.

  12-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇنقى يېڭى بىر ئايلانما جىددىي مۇسابىقە ئارقىلىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى كوماندىسى، شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى قاتارلىق 4 كوماندا 4 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى.

  12-ئۆكتەبىر كەچتە، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىرگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ھۇجۇم شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنىڭ سېپىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. گەرچە كېيىنچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا ئىككىگە قارشى ئالتە نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولدى. شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 3كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئۈچۈنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…
      ·ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
      ·ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارن…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى