بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئىيۇل سەھەر سائەت 4:00 ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسىنىڭ 8-مەيدان مۇسابىقىسىدا، بېلگىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى 1:2 يەڭدى. 90 مىنۇت مۇسابىقە ۋاقتى ئىچىدە ئىككى تەرەپ 0:0 تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ، 30 مىنۇتلۇق قوشۇلما ۋاقىت مۇسابىقىسىدا ئىككى تەرەپ جەمئىي ئۈچ توپ كىرگۈزدى. بېلگىيە كوماندىسىدىن لۇكاكۇ بىلەن دې بۇرېين ئىككى توپ، ئامېرىكاك وماندىسىدىن گۇرىن بىر توپ كىرگۈزدى.