خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: شىنجاڭ «جۇڭگو پامىر» مېھرى–شەپقەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى–ساغلاملىق سەپىرى» شىنجاڭدىكى 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى بالىلارغا ھەقسىز سۈت پاراشوگى يەتكۈزۈش چوڭ تىپتىكى خەيرى – ساخاۋەت پائالىيىتى 20 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ «جۇڭگو پامىر» شېركىتىنىڭ لېدىرى، داڭلىق ساخاۋەتچى ماھىرجان ئەفسەرىك مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئانار ئۇرۇقىدەك تىزىلغان چىن قېرىنداشلار، بۇ قېتىم شېركىتىمىز 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا سېتىۋېلىپ ئىئانە قىلغان 2500 يەشىك سۈت پاراشوگى ئاپتونوم رايون بويىچە 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 4800 نەپەر نامرات بالىغا يەتكۈزۈلىدۇ.
سۈرەتتە: ماھىرجان يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتوموبىللاردىكى سۈت پاراشوگى تىزىمىنى ئالماقتا.
مەنبە: خەلق تورى