خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1977-يىلى 25-ئۆكتەبىر كىنو ـ سەنئەت پىرى چارلىز چاپلىن ئالەمدىن ئۆتتى. چاپلىن بىر دەۋرنىڭ شاھى، كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بايراقدار شەخس، ئۇ چاپلىن ئۇسلۇبىدىكى ئۇلۇغ كومېدىيەنى بەرپا قىلدى، رېژىسسورلۇق ۋە ماھارەت كۆرسىتىش تەرەپلەردە ھالقىش تەس بولغان ئۈلگىنى تىكلىدى، ئۇنى قانداقلا مەدھىيە سۆزى بىلەن تەرىپلىسىڭىزمۇ ئارتۇقچە كەتمەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ.