2008-يىلى ئېچىلغان 17-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا: يېزا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، يېزا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا جامائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.