18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىنغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.