1978-يىلى ئېچىلغان 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا: قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
ئومۇمىي يىغىندا ئىدىيىدە ئازات بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىتتىپاقلىشىپ بىردەك ئالغا قاراشتەك يېتەكچى فاڭجېن بەلگىلىنىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۆتكەش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.