باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ‹‹<تۆت خىل ناچار ئىستىل> غا چېتىشلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى تارقاتتى (1)

2013.11.12 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا ‹‹<تۆت خىل ناچار ئىستىل>غا چېتىشلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى يولغا قويۇش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈزەش – ياخشىلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەسكىن پوزىتسىيە، قاتتىق ئۆلچەم، چىڭ ئىنتىزام بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق دېيىلدى: ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا چېتىشلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىن ئىچىگە پېتىپ قېلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش پائالىيەتلىرى يامراپ كېتىشنى تۈزەپ، يىغىن قېتىمى، يىغىن ۋاقتى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سانىنى؛ ھۆججەت، ئۇچۇر گېزىتى ۋە ئىچكى گېزىت – ژۇرناللارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، باھالاش، ئۆلچەمگە يېتىش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹بوسۇغىسى داۋان، ئىشى بىراۋان، ھالى يوغان، قاپىقى يامان›› بولۇشنى تۈزەپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، قۇرۇق تالاش – تارتىش قىلىش، ‹‹يېيىش، ئېلىش، قىسىش، تەلەپ قىلىش››، قوپال مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەپ، يەڭ سودىسى قىلىش، ھوقۇقنى تاۋارلاشتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇقنى ھەقىقىي تۈگىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا تەقدىم قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش، ئىسراپچىلىق قىلىشنى تۈزەپ، ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە سوۋغات، نەق پۇل، پاي چېكى بېرىش ياكى ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش ياكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، ھەشەمەتلىك كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي چەكلەپ، چېگرا سىرتىدا سودىگەر چاقىرغاندا ھەشەمەتلىك مېھمانسارايلاردا يېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، ئىشخانىلارنى زىيادە ئىگىلىۋېلىش، قالايمىقان قەسىر – سارايلارنى سېلىشنى تۈزەپ، ئىشتات، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل سەپلەش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھەربىي ئاپتوموبىل، ساقچى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشخانىسى بەلگىلەنگەن كۆلەمدىن ئېشىپ كېتىش، نۇرغۇن يەرنى ئىشخانا قىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇرالغۇنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋاللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قەسىر – سارايلارنى سېلىش، ئېسىل بېزەش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي مەنئى قىلىش كېرەك. ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى›› زىيادە كۆپ بولۇشنى تۈزەپ، خامچوتتىن ئارتۇق ياكى خامچوت سىرتىدا چىقىم قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى چىقىمى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەل(چېگرا سىرتىغا)گە ۋاقىتلىق چىقىدىغان ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، چەت ئەلگە تەكشۈرۈش تۈسىدىكى زىيارەتكە چىقىشنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك. ‹‹ئوبراز قۇرۇلۇشى›› ۋە ‹‹نەتىجە – ئۈنۈم قۇرۇلۇشى››نى تۈزەپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا خىلاپلىق قىلىپ، قارىغۇلارچە قۇرۇلۇش قىلىش، تۈر تۇرغۇزۇشنى قەتئىي توختىتىپ، ئەھۋال تونۇشتۇرۇش، سانلىق مەلۇمات ئىشلەش، تىپ تۇرغۇزۇش، خىزمەت نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىشتا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگىلا قاراپ كادىر ئىشلىتىش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى تۈزەپ، يەر ئېلىش، كۆچۈرۈش – چېقىش، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە، قانۇنغا، دەۋاغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ تەرەققىيات ئىشلىرى، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش جەھەتلەردە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر