باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ئىسلاھات تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى(1)

2013.11.12 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن نۇرغۇن نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردا قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇۋېتىش ئارقىلىق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈزۈم كاپالىتى ھازىرلاپ بەردى.

  گەرچە ھازىر قىش پەسلى كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇيدىغان مۇھىم يول بولغان ئىچكى موڭغۇل-ئوتتۇرا جۇڭگو تۆمۈريولى قاينام-تاشقىنلىق بىلەن قۇرۇلماقتا. ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئېلىمىزدىكى تۇنجى جەمئىيەت دەسمايىسىگە ھەقىقىي يۈزلىنىپ ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك تۆمۈريول غول لىنىيەسى بولغان بۇ تۆمۈريولنىڭ پېيىنى تۆمۈريول باش شىركىتى تىزگىنلىمىگەن، خۇەينەن كانچىلىق شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ جەمئىيەت دەسمايىسى ئىگىلىگەن پېيىنىڭ نىسبىتى %80 كە يەتكەن.

  خەلق ۋە جەمئىيەت دەسمايىسىنىڭ تۆمۈريول ساھەسىگە كىرىشىدىكى دەرۋازا ئاخىرى ئېچىلىپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا قىس بولغان مەبلەغ تولۇقلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تىجارەت ئەندىزىسى مۇستەقىل تاللىنىپ، پۈتكۈل تۆمۈريولنىڭ تىرانسپورت ۋە تىجارەت تۈزۈلمىسى تېخىمۇ جانلاندۇرۇلدى.

  مونوپوللۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، رىقابەتكە قاتنىشىپ، بازار ئېچىۋېتىلىپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش-جۇڭگو دەۋرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندى، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىققا سايلىنىپ، 23 كۈندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن تەكشۈرۈش سەپىرىگە ئاتلاندى، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان شېنجېن ئالاھىدە رايونىغا باردى، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مەنزىلى چەكسىز، توختاپ قالغان ۋە ئارقىغا قايتقاندا چىقىش يولى بولمايدۇ دېدى.

  دەل مۇشۇنداق چوڭقۇرلۇق، خەتەرنى يېڭىشتىكى ئىسلاھات جاسارىتى بولغاچقا، 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە، مالىيە، باج، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر