خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەستىقىلىشى بىلەن «جۇڭگو ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقاتى»نى ئاساسىي تېما قىلغان جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2013-يىلى 23-سېنتەبىر نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۇەندىكى شىمالىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى)
جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى −مەدەنىيىتى ھەققىدە
جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى −مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، سىياسىئون، ئەدىب، مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى ۋە بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە 1995-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلغان، 16 يىلدىن بۇيان، مەملىكەت خارەكتېرلىك تۆت نۆۋەتلىك يىغىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان. خەلق ئارىسىدىكى تارقاق يازما يادىكارلىقلار ۋە چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يازما يادىكارلىقلارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، توپلام ۋە ماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان؛ مۇتەخەسىسس، ئالىملارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە دائىر ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يېزىشقا سەپەرۋەر قىلغان ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقام تەتقىقاتى، تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى، نەۋايى تەتقىقاتى، مەشرەپ تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتى، شىنجاڭ يەر-جاي ناملىرى تارىخى قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى−مەدەنىيىتى تەتقىقاتى تېمىلىرى»، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى−مەدەنىيىتى تەتقىقات مەجمۇئەسى»نىڭ بەش تومىنى رەتلەپ چىقىپ نەشر قىلىپ تارقاتقان.