خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە ۋاقتى 16-سېنتەبىر سائەت 18 دە «خەينا» ناملىق پوچتا پاراخوتىنى كېپىللىككە ئېلىش خىزمىتىنىڭ بارلىق قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تۈگىدى، كورېيەدە تۇتۇپ قېلىنغان «خەينا» ناملىق پاراخوت ئاخىرى ئازادلىققا ئېرىشىپ، سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرقى تۈركۈم ساياھەتچىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتتى. «خەينا» ناملىق پاراخوت جۇڭگو خەينەن دېڭىز ساياھەتچىلىك پاي چېكى كونترول گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتىگە قاراشلىق ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتى. بۇ پاراخوت 13-سېنتەبىر سائەت 16 دە كورېيە جىجۇ پورتىدىن قوزغىلىدىغان چاغدا شۇ يەردىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. كېمىدە 2300 ئادەم بولۇپ، ئىچىدىكى 1659 ئادەم ساياھەتچى ئىكەن.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر