- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل ---تەڭرىتاغ ئوتتۇرا قىسىم تونېلى تۇتاشتى
2013.09.17 18:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-سېنتەبىر سائەت 12دە، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تونېلدا، قېزىپ ئېچىلاي دەپقالغان تاغ جىنىسى ئاستا-ئاستا يېرىلىپ، TBM تونېل قېزىش ماشىنىسى تاشنى يېرىپ چىقتى. جۇڭگو تۆمۈر يول-تونېل گۇرۇھى ئىشچىلىرى قېزىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا قىزىل بايراقنى لەپىلدەتكىنىچە يۇقىرى ئاۋازدا:«ئېچىلدى، ئېچىلدى، ئاخىرى ئېچىلدى!» دەپ ۋارقىراشتى. ئىشچىلار 76 ئاي جاپالىق كۆرەش قىلىش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ تۇرپاندىن كورلىغىچە بولغان بۆلىكىگە يېڭىدىن سەپلەنگەن ئىككىنچى لېنىيە بوغۇزى---تەڭرىتاغ ئوتتۇرا بۆلىكى تونېلى (ئوڭ لېنىيە) سىنى ئېچىپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇرپان-كورلا تۆمۈر يول ئىككىنچى لېنىيەسىدە قاتناش باشلاشقا ئاساس سالدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى