باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئىستۇدېنت فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن قول ئېلىشىشنى رەت قىلدى

2013.09.16 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، شۇ يەردىكى بىر ئالىي مەكتەپنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىۋېتىپ بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكچى بولغاندا رەت قىلىنغان.كۇۋەيت «ۋەتەن گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى فابيۇس مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، پارىژ سوپ پوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئابۇزابى شۆبە مەكتىپىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىۋېتىپ، مەيداندىكى بىر مۇسۇلمان ئىستۇدېنت قىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكچى بولغاندا رەت قىلىنغان. ئىستۇدېنت قىز ئىنتايىن ئەدەب بىلەن رەت قىلغانلىقتىن، فابيۇس ئوڭايسىزلىنىپ قولىنى تارتىۋالغان.

  پارىژ سوپ پوڭ ئىنىستىتۇتى ئابۇزابى شۆبە مەكتىپىدىكى مۇسۇلمان ئىستۇدېنت قىزنىڭ فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقى شۇ يەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە مۇنازىرە قوزغىغان، بىراق «ۋەتەن گېزىتى» تورىدا بۇ ئىستۇدېنت قىزنىڭ خاتا قىلمىغانلىقى، ئىسلام دىنى شەرىئىتىدە مۇسۇلمان قىزلار ـ ئاياللارنىڭ يات ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشسا ياكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

  مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، پارىژ سوپ پوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 750 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەكتەپ، ئابۇزابى شۆبە مەكتىپىدە 2011-يىلى رەسمىي ئوقۇش باشلانغان بولۇپ، بارلىق مەبلەغنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چىقارغان. بۇ مەكتەپتە نۆۋەتتە فرانسۇز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، سەنئەت، ئىنسانشۇناسلىق، قانۇن، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق كەسىپلەر بار. (ئەن گوجاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل