باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بېن لادىننىڭ ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بەش سىر(3)

2013.07.25 08:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5. يېقىنقى ئىككى يىلدا بازا تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولدى؟

  «ئەرەب باھارى» نىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قوزغىغان مالىمانچىلىقى بازا تەشكىلاتىنىڭ تەڭشەش ئىستىراتىگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. خەلقئارا تېرورلىققا قارشى تۇرۇش مۇتەخخەسىسى مۇنداق دىدى، 2011-يىلى، بازا تەشكىلاتى كونا سىياسىي كۈچلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قالپىقىنى كىيىپ، ئۆز كۈچىنى نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىگىچە كېڭەيتتى. 2012-يىلى بازا تەشكىلاتىنىڭ ھەركەت دائىرىسى توختىماي كېڭەيدى، كۈچىمۇ مالى، نىگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە سىڭىپ كىردى ۋە كېڭەيدى. 2013-يىلى بازا تەشكىلاتى نىشانىنى ئىسلام سىياسىي گوروھلىرى باشقۇرىشىدىكى دۆلەتلەرگە قاراتتى، مەسىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مىسىر، گۈللىنىش ھەركىتى پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى تۇنىس قاتارلىقلار. بۇ دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتەلمىگەچكە، زور كۆپچىلىك پۇقرانىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا بولغان گۇمانىنى قوزغاپ قويدى، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ باش كۆتىرىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

  يېقىنقى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئارىسىدىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور تەشكىلات جاباتال نوسرا، ئەيمان زاۋاھىرىغا سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بازا تەشكىلاتىنىڭ ئېراقتىكى شۆبىسى بىلەن بىرلىشىش ئۈچۈندۇر.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل