باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بېن لادىننىڭ ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بەش سىر(2)

2013.07.25 08:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2.بېن لادېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىر نەدە؟

  پاكىستان ھۆكۈمىتى ئاببوتتابات بازىرىنىڭ ئەتراپىدىن بېن لادىننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دەك ئۇرۇن تۇققىنىنى تاپقان. پاكىستان ئاخبارات تارمىقى قولغا ئېلىپ ئۇزۇن ۋاقىت سوراق قىلغاندىن كېيىن بېن لادېننىڭ ئۈچ ئايالى فاتا، كايىلىخا سابىر، سىھام سابىر شۇنداقلا ئۇنىڭ بالىلىرىنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. بېن لادېننىڭ كىچىك ئايالى فاتا يۇرتى يەمەنگە قايتقاندىن باشقا، قالغان ئىككىسى سەئۇدىي ئەرەبىستانغا بارغان. يەمەن ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ ئۈچ ئايالنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ھازىرغىچە ئاشكارلاپ باقمىغان.

  3.پاكىستان ھۆكۈمىتى بىن لادىننى قوغدىغانمۇ يوق؟

  ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ھەربىي ھۇجۇمنى قوزغاشتىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەن: پاكىستان ھۆكۈمىتى بېن لادېننىڭ پاكىستاندا يوشۇرىنىۋالغانلىقىنى بىلەمدۇ يوق؟ چۈنكى بېن لادىننىڭ تۇرۇشلۇق جايى دەل ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ يېنىدىلا ئىدى. بۇ قېتىملىق ھەربىي ھۇجۇمغا نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى ھىلارى كېلىنتون پاكىستان ھۆكۈمىتى يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ھىچقانداق پاكىت يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر مۇتەخخەسىس بۇ ئىشنى باھالاپ ئامېرىكىنىڭ قوللانغان ھۇجۇمىغا سېلىشتۇرغاندا، پاكىستان بېن لادىننىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى قىلچە بىلمەيدۇ. دىگەن. تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى بېن لادېننى قوغدىغان دېيىشكە ھىچقانداق ئىسپاتى يوقكەن.

  4. بېن لادىننىڭ ۋارىسى ئەيمان زاۋاھىرى ئەمدى قانداق ئىستىراتىگىيە قوللىنىدۇ؟

  گەرچە ئەيمان زاۋاھىرى دىگەن ئىسىم نۇرغۇن غەرب ئەللىرىگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىسىمۇ، بازا تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىككىنچى نومۇرلۇق كاتتىبىشى بېن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىنى باستى. بېن لادىنغا سېلىشتۇرغاندا، زاۋاھىرى تېخىمۇ جانلىنىپ، ئەسەبىي كۆز قاراشتا بولدى. 2011-يىلىدىن باشلاپ، زاۋاھىرى نەچچە ئون قېتىم ئاۋاز ئۈنگە ئالدى، لېكىن توردا بۇ ئاۋازلارنى ناھايىتى ئاز تارقاتتى، چۈنكى زاۋاھىرىنىڭ توردىكى تۇتقان يولى بېن لادىن بىلەن ئوخشىمايتتى. ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە، زاۋاھىرى بازا تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمىغان ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قالايمىغان بولىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلار، مەسىلەن مىسىر، مەغرىپ رايونى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتمەكچىكەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل