باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بېن لادىننىڭ ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بەش سىر(1)

2013.07.25 08:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستاندىكى بىر داچىدا بازا تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كاتتىبىشى ئوساما بېن لادىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

  2011-يىلى 1-ماي كېچىدە، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتېر كېلىدىغان ئاببوتتابات بازىرىدىكى بىر ھەشەمەتلىك داچىدا بازا تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كاتتىبىشى ئوساما بېن لادىن ئامېرىكا يىلپىز زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ 6-كىچىك ئەترىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، شۇ يىلى بېن لادىن 54 ياش ئىدى. بىېن لادىننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنىڭ ئۇنى قوغلاپ تۇتۇشقا سەرپ قىلغان 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتىغا ئاخىرى خاتىمە بەردى. بىراق ئۇنىڭ ئۆلىمى بەش سىرنى قالدۇرۇپ كەتتى.

  1. زادى كىم ئوساما بېن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈردى؟

  زادى كىم بېن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈردى دىگەن مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان نۇرغۇن نۇسخىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر بار. ئاددىيسى بېن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا يىلپىز زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ 6-كىچىك ئەترىتىدىكىلەرنىڭمۇ چۈشەندۈرىشى ھەر خىل. 2012-يىلى سىنتەبىردە، يىلپىز زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ 6-كىچىك ئەترىتىدىكى بىر ئەسكەر مەت بىسونېت ئۆزى يازغان «مۇرەككەپ بىر كۈن» ناملىق كىتابىدا بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەركەتنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن، ئۈچ ئادەم ئالدى بىلەن بېن لادىننىڭ يوشۇرۇنغان جايىغا كىردى، ئىككەيلەن بېن لادېننى بايقىغاندىن كېيىنلا ئوق چىقاردى، ئەڭ ئاخىرىدا مەن بېن لادېنغا قارىتىپ ئەجەللىك ئوقتىن بىرنى ئاتتىم.

  مەلۇم بىر ژورنالدا بېسىلغان ماقالىدە بۇ ئىشنى مۇنداق ئوخشىمىغان تەسۋىرلىگەن، «مەرگەن» نامىدىكى بىر يىگىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدى بىلەن بېن لادېننىڭ ھوجرىسىغا كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىتىپ ئوق چىقارماقچى بولغانلىقىنى بايقاپلا ئۇنىڭغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئاتقان، ئوق بېن لادېننىڭ پىشانىسىغا تېگىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن.

  ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە تورىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە، يىلپىز زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ باشقا بىر ئەزاسى مۇنداق چۈشەندۈرگەن. زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئىككى ئەسكىرى يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا بىر چارلىغۇچى ئەسكەر ئالدى بىلەن بىن لادېننى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، ئارقىدىنلا «مەرگەن» ناملىق يىگىت يېتىپ كېلىپ بېن لادىېنغا ئەجەللىك ئوق چىقارغان. بىراق ئەينى ۋاقىتتا بېن لادېننىڭ قولىدا قورال يوق ئىكەن.

  بىر تور بىكەت سىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، زادى كىم بېن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈردى؟ دىگەن مەسىلىگە قارىتا ئالتە خىل ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى چۈشەندۈرۈش بار ئىكەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل