ئالتايدىكى قاناس مەنزىرە رايونى
قاناس كۆلى شىنجاڭ ئالتاي رايونى بۆرچىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى داڭلىق تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ، ئالتاي تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان. كۆلمى 45.73 كۋادرات كلومتېىر. سۇ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 120 مېتىر، ئەڭ تىرەن جايى 188.5 مېتىرغا يېتىدۇ، ساقلانغان سۇ مىقدارى 5 مىليارد 380 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. سىرتقى شەكلى قارىماققا ھىلال ئايغا ئوخشايدۇ. رىۋايەتلەردە قاناس كۆلىدە غەلىتە مەخلۇق بار دەپ قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يىتىدۇ دېيىلگەن. مۇتەخەسسىسلەر گۆشخور بېلىق تايمېن بىلىقى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان، لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىيالمىغان. بۇ كۆلنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ. تۆت ئەتراپى ياپيېشىل.