باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلار جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لياۋ يۇڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.07.15 08:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لياۋ يۇڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى توغرىسىدا ئورتاق مەسلىھەتلەشتى.

  ئىگىلىنىشچە، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى، نېفىت زاپاس ساقلاش، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى مۇلازىمىتى كاپالىتىدىن ئىبارەت 4 چوڭ بازىنى بەرپا قىلىپ ۋە قۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك ئۆتۈشمە يولى شۇنداقلا توشۇش باش ئىشتابى ۋە پۇل- مۇئامىلە باش ئىشتابىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىدىكەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا مەخسۇس كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىكى ئاساستا يەنە نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ياخشى خىزمەت ئىستىلىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يۇقىرى باشلىنىش نوقتىسى، يۇقىرى سەۋىيىدە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ، تۈرلۈك خىزمەت نىشانلىرى ۋە نوقتىلىق تۈرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  لياۋ يۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: خەلقئارادىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يەنىلا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. يېڭى باشلىنىش نوقتىسىدا، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق ھەر قايسى كۆرسەتكۈچلەردە ھەم ياخشى ھەم تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، «شىنجاڭ داچىڭى» نى ئۆز قەرەلىدە پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جېجې، كۆرەش مەخسۇتلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

  مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە