12-ئىيۇل، ب د ت نىڭ ئامېرىكا نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا، ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تالىبانلارنىڭ ئوق زەربىسىگە ئۇچرىغان پاكىستانلىق قىز Malala Yousafzai ب د ت باش كاتىپى بان كىمون بىلەن بىرلىكتە تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشتى. ب د ت نىڭ باش ئىشتابى شۇ كۈنى «مالالا كۈنى» تېمىسىدىكى ياشلار يىغىنى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى 16 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋەلغان مالالا ب د ت نىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئىشتابىغا كېلىپ، كىشىلەرنى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.