5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سۈپەت دەرىجە سېستىمىسى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايون دەرىجە سۈپىتىنى باھالاش كومىتېتى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئارىسىدىن باھالاپ بېكىتكەندىن كىيىن، شەكىللەنگەن ساياھەت رايونى سۈپەت دەرىجىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئۆلچىمى. 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانىي تۇيغۇغا شۇنداقلا ئىنچىكىلىشىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن بەشى بولۇپ، بۇ ساياھەت رايونلىرى ئايرىم ـ ئايرىم سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بوغدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى، تۇرپاندىكى بۇليۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئالتايدىكى قاناس مەنزىرە رايونى، غۇلجىدىكى نارات، ئالتايدىكى كۆكتۇقاي ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار.
سانجى ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرىدىكى بوغدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى بۇغدا كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ ناھىيەسى چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېگىز تاغدىكى كۆلنى مەركەز قىلغان ساياھەت رايونى. تەڭرىتاغ بوغدا چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 544 مېتىر ئېگىز بولۇپ، قىش ـ ياز قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1900 مېتىر ئىگىز. كۆلى بويىدىكى قۇيۇق ئورمانلىقلار، ياپيېشىل ئوت ـ چۆپلەر بۇ يەرنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن. جۇڭگو دۆلەت زېمىن بايلىق مىنىستىرلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 2013-يىلى 5-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن، بوغدا كۆلى ئوڭۇشلۇق ھالدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، رەسىي تۈردە دۆلەت گىئولوگىيە باغچىسى قاتارىغا كىردى.