باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنىڭ سوۋغىسى» ــ مىللىيچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى باشلاندى

2013.07.15 08:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شىنجاڭنىڭ سوۋغىسى» ــ مىللىيچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى 12-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرى «يەتتە رەستە» كوچىسى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى مۇجەسسەم رايونىدا باشلاندى.

  ‹‹شىنجاڭنىڭ سوۋغىسى›› (مىللىيچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى)نى لايىھەلەش مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى 12-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹يەتتە رەستە›› كوچىسى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى مۇجەسسەم رايونىدا باشلاندى.

  ‹‹شىنجاڭنىڭ سوۋغىسى›› (مىللىيچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى)نى لايىھەلەش مۇسابىقىسى 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇھىم يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، شۇ كۈنى نۇرغۇن بۇيۇملار ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

  مۇسابىقە 4-ئايدا باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي نەچچە ئون كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ 900 دىن ئارتۇق ئەسىرى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ئەسەرلەر ھەيكەلتىراشلىق، رەسىم سىزىش، قەغەز قىيما، كەشتە تىكىش، ساپال بۇيۇم قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەرلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش كومىتېتى ۋە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باھالىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹ئالتۇن مېدال›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچ نەپەر، ‹‹كۈمۈش مېدال›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن سەككىز نەپەر، ‹‹مىس مېدال›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن 20 نەپەر ماھىر تاللاپ چىقىلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە