كۆكتوقاي ساياھەت مەنزىرە رايونى
كۆكتوقاي ساياھەت مەنزىرە رايونى 2007-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، 2009-يىلى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى؛ 2010-يىلنىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىكى ئون مۇنەۋۋەر A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى» شەرىپىگە ئېرىشتى. ساياھەت مەنزىرە رايونى 2012-يىلى 5A دەرىجىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.