بۇليۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى تۇرپان شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، يالقۇنتاغنىڭ بىر جىلغىسى، جىلغا ئىچىدە بۇليۇق دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ، دەريا سۈيىنىڭ ئاساسىي كېلىش مەنبەسى ئېگىز قارلىق تاغلاردىن ئېرىگەن سۇلار بولۇپ، بۇ جاي ئۈزۈمى بىلەن داڭلىق. 2007-يىلى 8-ماي، تۇرپان شەھىرى بۇليۇق مەنزىرە رايونى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ رەسمىي تەستىقى بىلەن 5A دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن.