مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋرنىڭ «سىنىقى»غا تىرىشىپ ياخشى جاۋاب بېرىمىز

2019.08.22 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  70 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خېبېينىڭ شىبەيپودىن يولغا چىقىپ، «بېيجىڭغا بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان»، يېڭى جۇڭگو بۇ يەردىن قەد كۆتۈرگەن. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، يەنجاۋ زېمىنىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خېبېي خەلقى مىسلىسىز بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى مۇساپە. ئۆلكە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادتا كۈچلۈك ئۆلكە، گۈزەل خېبېي قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  70 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خېبېينىڭ شىبەيپودىن يولغا چىقىپ، «بېيجىڭغا بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان»، يېڭى جۇڭگو بۇ يەردىن قەد كۆتۈرگەن. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، يەنجاۋ زېمىنىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خېبېي خەلقى مىسلىسىز بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. شانلىق نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، گۈزەل كەلگۈسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېينى چوڭقۇر بىلىدۇ، ياخشى كۆرىدۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خېبېينى يەتتە قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىبەيپودا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «بارلىق رەھبىرىي كادىرلار ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى خەلقنىڭ پارتىيەمىزگە قاراتقان <ئىمتىھانى>نى، پارتىيەمىز نۆۋەتتە بەرداشلىق بېرىۋاتقان ۋە بەرداشلىق بېرىدىغان ھەر خىل سىناق «ئىمتىھان»نى ياخشى بېرىپ، تىرىشىپ ئەلا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پايتەختنىڭ سىياسىي «سېپىل خەندىكى» بولۇشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىش قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، «ئىمتىھان بېرىش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «3،6،8،9» خىزمەت تەپەككۇرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە ئىقتىسادتا كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇپ، گۈزەل خېبېينىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، خېبېينىڭ مۇقىملىقى بىلەن پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خېبېينىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ