مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ دۇنخۇاڭ مىڭئۆيى ھەم جيايۈگۈن سېپىلىنى كۆزدىن كەچۈردى

2019.08.21 13:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گەنسۇدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىگە بېرىپ، مىڭئۆينى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مىڭئۆيگە كىرىپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە رەڭلىك ھەيكەل، تام رەسىملىرىنى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈردى.

  بۇ يەردە ئېكىسكۇرسىيە، ساياھەتتە بولۇۋاتقان ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكى كۆرۈپ ھاياجانلانغانلىقىدىن ئالقىش ياڭرىتىپ، بەس-بەستە باش شۇجىغا سالام قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، كۆپچىلىكتىن قەيەردىن كەلگەنلىكى، يولنىڭ يىراق-يېقىنلىقى، ھەقنىڭ يۇقىرى ياكى يۇقىرى ئەمەسلىكىنى سورىدى ھەم كۆپچىلىكنىڭ خۇشال-خورام ساياھەت قىلىشىغا تىلەكداشلىك بىلدۈردى. بىر ساياھەتچى باش شۇجىغا، بىز مەخسۇس بالىلىرىمىزنى ئېلىپ جياڭسۇدىن مىڭئۆينى كۆرگىلى كەلدۇق دېدى. باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا، ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، يولبويى كۆپرەك نەرسىلەرنى كۆرگەندە، بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدا ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ شياۋلىن «يىپەك يولى جىلۋىسى»، «باياۋان دۇنخۇاڭ» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئورۇنلاش جەريانىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ ئويۇننى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇشنى قوللاش، يۆلەش، بىزنىڭ دۆلەت جەۋھەرلىرىمىزنى ياخشى قوغداش كېرەك. دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى-جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، پەقەت تولۇپ تاشقان، ئىشەنچكە تولغان مەدەنىيەت بولغاندىلا، ئاندىن ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى سىغدۇرغىلى، ئۆرنەك قىلغىلى، قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىمىز ھەم ئۆرنەك ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇ مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى دۇنخۇاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بەرپا قىلىشقا تېرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جيايۈگۈەن سېپىلىغا بېرىپ، راۋاققا چىقىپ سېپىلنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆردى، خېشى كارىدورى سەددىچىن سېپىلى، گۈەنيىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ