باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو بەرپا قىلىپ، گۈللىنىش كۈچى توپلايلى

‐‐‐ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگودا يېڭى يۈكسەكلىك يارىتىش توغرىسىدا (1)

2014.10.21 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق جۇڭگو بەرپا قىلىشتا، ئالدى بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو بەرپا قىلىش لازىم؛ ئەركىن، باراۋەر، ئادىل جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئالدى بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش شەكلىنى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان قىلىش لازىم.

  ھازىر ئېچىلىۋاتقان 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىندا، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باش تېما قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىستېراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ 18 يىلدىن كېيىن، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى قىياپەت بىلەن تېخىمۇ يۈكسەك مەنزىلگە قەدەم ئالدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىغا قارىتا زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.

  «قانۇن ئىدارە قىلىش ‐‐ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي شەكلى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن مەمۇرىيەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك»، «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم»....يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى قوللىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە تۈپ مىزان ھازىرلاپ بەردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر