باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ: جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىك جىنايىتىگە ئورتاق زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

2014.10.21 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئاۋستىرالىيە ساقچى تەرەپنىڭ جۇڭگودىن چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن چىرىك ئۇنسۇرلارنى تۇتۇپ ھارام مالنى قايتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىتا تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاۋستىرالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەردە قېچىپ يۈرگەن چىرىك ئەمەلدارلارنى تۇتۇپ، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، خيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىك جىنايىتىگە ئورتاق زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاۋستىرالىيەدىكى ئىككى چوڭ تاراتقۇ گۇرۇھى ــ ئاخبارات گۇرۇھى بىلەن فېرفاكىس گۇرۇھى تۈنۈگۈن ئۆز گېزىتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ: ئاۋستىرالىيەنىڭ جۇڭگونىڭ قېچىپ يۈرگەن چىرىك ئەمەلدارلارنى تۇتۇپ، ھارام مالىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە ماسلىشىشقا قوشۇلغانلىقى، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنى دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە چەتئەللەردە قېچىپ يۈرگەن چىرىك، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى تۇتۇپ، ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، چىرىكلىكنى جازالاش مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي، چىرىكلىك، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر