باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار(1)

2014.10.21 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېبولا ۋىرۇسى ئافرىقىدىن ھالقىپ ياۋروپا ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇ يىل مارتتىن بۇيان، بۇ ۋىرۇس ئافرىقىدا 4500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، لېكىن ياۋروپا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە يېقىندا ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى، بۇ خىل جانغا زامىن بولىدىغان ۋىرۇس ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.

  ئامېرىكىدا يېقىندا ئۈچەيلەننىڭ ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە دەرھال «مەيلى نېمە بولسا بولمامدۇ» دېيىشنىڭ ئورنىنى «ناھايىتى قورقۇۋاتىمەن» دېيىش ئالدى. خەلقنىڭ گۇمانى ساداسى ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ داۋالاش سىستېمىسىدىكى يوچۇقنى تېپىپ چىقىپلا قالماستىن يەنە زۆرۈر تېپىلغاندا بۇندىن بۇرۇنقى تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىلىق ئىككى سېسترانىڭ ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەربىي ئافرىقىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئامېرىكىدا ئېغىر يۇقۇمنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش زۆرۈر.

  ياۋروپا ئامېرىكا دۆلەتلىرى گەرچە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن چېگرىنى تاقاش بىلەنلا ئېبولا ۋىرۇسىنى يۈزدە يۈز توسقىلى بولمايدۇ. ئافرىقا ئەللىرىنىڭ يۇقۇمدىن مەدھىيەلىنىشى ھەمدە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىقتىدارىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، سەھىيە داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ياخشى دورىنى تاپقىلى بولىدۇ.

  ئېبولا ۋىرۇسى 40 يىل بۇرۇنلا بايقالغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك دورا ۋە ۋاكسىنا تېپىلماي كەلدى. ئىلغار دورا ياساش سانائىتىگە ئىگە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئېبولانى داۋالاش تەرەپلەردىكى سېلىنمىسى يېتەرسىز بولۇپ كەلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭفۇجېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئەزەلدىن پەقەت ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەردىلا چەكلىنىپ كەلگەن، بۇ خىل سېتىۋېلىش كۈچى بولمىغان بازارغا قارىتا پايدىنى كۆزلەيدىغان دورا ياساش كارخانىلىرى مەھسۇلات تەتقىق قىلىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننانمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ناھايىتى ئۈمۈتىسزلىنىپ مۇنداق دېدى: ئېبولا يۇقۇمى غەربىي ئافرىقىغا ئاللابۇرۇنلا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت ۋىرۇس ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا يامرىغاندىلا ئاندىن ھوشىنى تاپتى. يەر شارى بويىچە ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇشۇنداق ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئافرىقىدا پارتىلىغانلىقىدا. مەن ئىقتىدارى بار شۇ دۆلەتلەرنى تەنقىدلەيمەن دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر